Uyghur主要词典
يەر باغىرلىغۇچىلار سىنىپى
بىئولوگىيە
ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپىدىكى بىر سىنىپ. ھەقىقىي قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار. تېرىسىدە ئېپىتېلىيىدىن شەكىللەنگەن سۆڭەك پلاستىنكىلىرى (تېرە سۆڭەكلىرى) بار. ئادەتتە تېرە بەزلىرى بولمايدۇ. سىرتقى شەكلى تۆت ئاياغلىق ھايۋانلارنىڭ ئاساسىي مورفولوگىيىسىگە ئىگە، ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ بۆلۈنۈشى روشەن، بويۇن ئومۇرتقىسى بىرىنچى بويۇن ئومۇرتقىسى (ئاتلانت ئومۇرتقىسى) ۋە ئىككىنچى بويۇن ئومۇرتقىسى (ئاكسىس ئومۇرتقىسى) غا دىففېرېنسىيىلەنگەن. گەۋدە قىسمىدا تەرەققىي قىلغان قوۋۇرغا ۋە كۆكرەك سۆڭىكى بولۇپ، ئىچكى ئورگانلىرىنىڭ قوغدىلىشى ھەمدە نەپەسلىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئوزۇنلىنىشى كۈچەيتىلگەن. ئۆپكىسى ئارقىلىق نەپەسلىنىدۇ. يۈرىكى ئىككى يۈرەك قۇلاقچىسى ۋە تولۇق بۆلۈنمىگەن ئىككى يۈرەك قېرىنچىسىدىن تۈزۈلگەن (تىمساھلارنىڭ يۈرەك قېرىنچىسىدا تەرەققىي قىلغان بۆلگۈچىسى بولۇپ، يۈرەك قېرىنچىسىنى پۈتۈنلەي ئوڭ - سول ئىككى قىسىمغا بۆلگەن؛ پەقەت چوڭ ئارتېرىيىسىنىڭ تۈۋى بىلەن ئۆپكە ئارتېرىيىسىنىڭ ئارىلىقىدا يەنە بىر تۇتاشتۇرىدىغان تۆشۈكى بار). بەدەن تېمپېراتۇرىسى تۇراقسىز. چوڭ مېڭىسى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، يېڭى مېڭە پوستى ماددىسى ھاسىل بولۇشقا باشلىغان. بەدەن ئىچىدە ئۇرۇقلىنىدۇ، ئامنىئونلۇق تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇمنىڭ سىرتىدا قاتتىق شاكىلى بار. ھازىرقى يەر باغىرلىغۇچىلارنىڭ ياشاش مۇھىتى مۇرەككەپ بولۇپ، يەر يۈزىدە ئۆمىلەپ يۈرىدىغانلىرى، دەرەختە ياشايدىغان، ئورەك كولاپ ماكانلىشىدىغان ۋە سۇدا ياشايدىغان، يېرىم سۇدا ياشايدىغانلىرى بولىدۇ. شۇڭا سىرتقى شەكىل جەھەتتىمۇ بىر مۇنچە ماس ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولغان. تۈرلىرى كۆپ، تەخمىنەن 5000 دىن ئارتۇق تۈر بولۇپ تۆت ئەترەتكە بۆلۈنگەن؛ تاشپاقىلار ئەترىتى (Chelonia) مەسىلەن، سارغۇچ تاشپاقا، ئامىيدا تاشپاقىسى (قالقان بېلىق) قاتارلىقلار؛ خارتۇم باشلىقلار ئەترىتى (Rhynchocephalia)، مەسىلەن، گاتتېرىيە؛ تەڭگىچىلىكلەر ئەترىتى (Squamata) مەسىلەن، چار يىلان، پاتمىچۇق قاتارلىقلار؛ تىمساھلار ئەترىتى (Crocodilia) مەسىلەن، ياڭزىجياڭ تىمساھى قاتارلىقلار. يەر باغىرلىغۇچىلار قەدىمكى قوش ماكانلىق ھايۋانلار ئىچىدىكى قاتتىق باشلىقلاردىن ئۆزگىرىپ كەلگەن. ئەڭ قەدىمكى يەر باغىرلىغۇچىلارنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقى سېيمۇرىيە (Seymouria) قوش ماكانلىقلار بىلەن يەر باغىرلىغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر قاتار ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.