Uyghur主要词典
يەپ كەتمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
كىشىنىڭ ھەققىنى ئىشلىتىۋالماق، باشقىلارنىڭكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالماق.
ئۇھ، ئەجەب قوي ئىدى... ئۇلار يەپ كېتىشتى، خۇددى مۈشۈك بالىسىنى يېگەندەك يەپ كېتىشتى.
بۇرۇن ئۆگەنگەن ھەم بىلىپ بولغان نەرسىنى ئۇنتۇپ قالماق، بىلەلمەيدىغان بولۇپ قالماق، ئۇنتۇپ كەتمەك.
ئۇ ئۇزۇن مۇددەت ئۆز كەسپىنى ئىشلەتمىگەچكە، مەكتەپتە ئۆگەنگەنلىرىنى ئاساسەن يەپ كەتكەنىدى.
نابۇت قىلماق، يوقىتىۋەتمەك، ئۆلتۈرۈۋەتمەك.
يوقسۇ بۇنىڭ دادىسىمۇ شۇڭقار ئىدى، بىراق كاج زاماننىڭ ئاچ كۆز ھۇقۇشلىرى يەپ كەتتى، - دېدى ئانا.