Uyghur主要词典
يەلۋى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خۇراپىي چۈشەنچە بويىچە، جىن - شاياتۇنلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن ھەر خىل ھالەتلەرنى پەيدا قىلىدىغان دۇئا - تەكبىر ۋە ھەرىكەت.
سۆزدىن كېلەر ھەممە سېھىر ۋە ئەپسۇن، كەلىمە بولغاندا مەۋزۇن. جودا قىلساڭ، جايىنى تاپىدۇ. ئەپسۇن ئەر يىگىتكە كار قىلمايدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
سېھىر.
يەلۋىچى _ سېھىرچى، سېھرىگەر. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
يەلۋىن ئانىڭ كۆزى
يەلكىن ئانىڭ كۆزى
تولۇن ئايىن يۈزى
ياردى مەنىڭ يۈرەك
«ئۇنىڭ كۆزى سېھىرلىك،
ئۇنىڭ ئۆزى مۇساپىردۇر؛
يۈزى تولۇن ئايدەك،
(ئۇنىڭ بېقىشلىرى) مېنىڭ يۈرىكىمنى ياردى.»
سۆيۈملۈكىنى تەرىپلەپ شۇنداق دەيدۇ: ئۇنىڭ كۆزلىرىدە سېھىر بار، ئۇ شۇنىڭ بىلەن (مېنى) ئوۋلايدۇ، ئۆزى مۇساپىردۇر، يۈزى تولۇن ئايدە، بېقىشلىرى بىلەن مېنى ئېتىپ، يۈرىكىمنى ياردى.
3 - 42