Uyghur主要词典
يەل بەرمەك
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بىرەر ياخشى، يامان ئىش ئۈچۈن باشقىلارغا ئىلھام ۋە مەددەت بەرمەك ياكى قۇتراتماق: - ھە، دەل شۇلار يەل بېرىپ تۇرغان گەپ. بولمىسا مەن كىم؟ - دېدى شەھەر باشلىقى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بىرەر ياخشى، يامان ئىش ئۈچۈن باشقىلارغا ئىلھام ۋە مەدەت بەرمەك ياكى قۇتراتماق.
ھېلىم روسۇلنىڭ لىڭتاسما بولۇپ تۇرۇۋاتقىنىنى بايقىدى - دە، ئۇنىڭغا، - نېمىدىن قورقسەن؟ ھۆكۈمەت بانكىسىن ئوغرىلاۋاتقىنىڭ يوق، ياكى براۋنىڭ تېمىنى تېشىۋاتقىنىڭ يوق، - دەپ يەل بەردى.