Uyghur主要词典
يەكتا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يەككە، يېگانە، تەڭداشسىز:
تۈشۈپ مەزمۇن رەڭگىنكىم، بۇ گۇل كۆڭلىگە سالغاچ بەرق،
گۇلىستانى سۇخەن ئىچرە بولۇر بىر نەۋئى گۇل يەكتا.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يەككە، تەڭسىز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
يېزت. تەڭدىشى يوق، مىسلى كۆرۈلمىگەن، يەككە، يېگانە.
مىرغىزارلىق باغ ئارامدا، بىر گۈلى رەنا ئىدىڭ، بۇ جاھاننىڭ سەھنىسىدە، گۆھىرى يەكتا ئىدىڭ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
يەكتا، يالغۇز، ئۆزىگە ئۆزى خوجا، مۇستەقىل پىكىرلىك.