Uyghur←Chinese主要词典
يەھۋا
تارىخ
耶和华
yē hé huá
دۇنيا تارىخى
耶和华
yē hé huá
يەھۇدىي دىنى ئىلاھىنىڭ نامى <تەۋرات> نىڭ ئەسلى نۇسخىسىدا يەھۋا (يېۋرېي يېزىقىدا JHWH دەپ يېزىلغان) دەپ ئېلىنىغان بولۇپ، <ئەبەدىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرغۇچى>، <ياراتقۇچى>، <نوپۇز ئىگىسى> دېگەن مەنىدە. ئۇ يېۋرېيلارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى ئورتاق ئېتىقاد قىلىدىغان خۇدا بولۇپ، ئوت، شامال ۋە قارا يامغۇر قاتارلىق تەبىئەت كۈچلىرىنىڭ مۇجەسسەملەشتۈرۈلۈشى. ئېيتشلارغا قارىغاندا مۇسا يېۋرېيلارنى باشلاپ مىسىردىن چىققان ۋاقىتتا، يەھۋانى بىردىنبىر ھامىيلىق قىلغۇچى خۇدا دەپ قوبۇل قىلغانمىش. يەھۇدىي ئىسرائىلىيە دۆلىتى شەكىللەنگەندىن كېيىن، پادىشاھ داۋىد ۋە سولومون ئۇنى ئەڭ ئالىي ھامىيلىق قىلغۇچى خۇدا بىلىپ ئېتىقاد قىلغان ھەمدە قۇددۇس (ئېرۇسالىم) دىكى زىئون تېغىدا ھەيۋەتلىك ئىبادەتخانا سالدۇرغان؛ يەھۋاغا ئېتىقاد قىلىدىغان يەھۇدىي دىنى تەدرىجىي شەكىللەنگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردىكى <بابىلون تۇتقۇنلىرى> دەۋرىدە بولۇپمۇ يەھۇدىيلار ئېرۇسالىمغا يېڭىۋاشتىن قايتىپ كېلىپ، ئىلاھىي ھاكىمىيەت ئورناتقاندىن كېيىن، بىر خۇدالىق يەھۇدىي دىنى ئاخىر شەكىللەنگەن. يەھۋا يەھۇدىيلارنىڭ <بىردىنبىر خۇداسى> غا، ئالەمدىكى بىردىنبىر خوجايىنىغا شۇنداقلا ئۇلارنى ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان <قۇتقۇزغۇچى> غا ئايلانغان. پەقەت يەھۇدىيلار يەھۋاغا چىن ئېتىقاد قىلسىلا، ئۇلار ئەبەدىي يەھۋانىڭ <ئالاھىدە تاللىۋالغان بەندىلىرى> بولىدىكەن، خۇدا يەھۋاغا چوقۇنۇش يەھۇدىيلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە تارىخىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن.