Uyghur主要词典
يەھۇدىيلار ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
يەھۇدىيلار قوزغىلىڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قەدىمكى يەھۇدىيلارنىڭ رىم ئىستېلاچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى. مىلادىدىن 63 يىل ئىلگىرى، رىم باش قوماندانى پومپېي پەلەستىن ۋە ئۇنىڭ پايتەىتى ئېرۇسالىمنى بېسىۋالغان. رىملىقلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە زۇلۇمى (دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى زۇلۇمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) داۋاملىق يەھۇدىيلارنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان. بۇ، ئاخىرى زور كۆلەملىك قوزغىلاڭ ياكى ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئادەتتە ئىككى قېتىم بولغان دەپ قارىلىدۇ. بىرىنچى قېتىملىقى، مىلادى 66 - يىلى يۈز بەرگەن. قوزغىلاڭچىلارنىڭ كۈچى تۆۋەن تەبىقە خەلقى بولۇپ، ئۇلار <زىروت> (تەلۋىلەر پىرقىسى) ۋە <سىكارى> (خەنجەرۋازلار پىرقىسى) بولۇپ ئۇيۇشقان. كېيىنكىسى خەلق ئاممىسىغا باشچىلىق قىلىپ، رىمنىڭ ئېرۇسالىمدا تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىنى يوقاتقان ھەمدە ئىبادەتخانىدا ساقلانغان قەرز ھېسابات دەپتەرلىرىنى كۆيدۈرۋەتكەن، مۈلۈكدارلارنىڭ دەككىسىنى بەرگەن. 67 - يىلى ئىمپېراتور نېرون ۋېسپاسىئاننى بۇ قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا ئەۋەتىپ، گالىلېينى بېسىۋالغان. نېرۇن ئۆلگەندىن كېيىن، ۋېسپاسىئان رىمغا قايتىپ ئىمپېراتورلۇق تەختىنى تالاشقان. ئوغلى تىتۇسنى ئەسكەرلەرگە داۋاملىق قوماندانلىق قىلىشقا قالدۇرغان. تىتۇس ئېرۇسالىم شەھىرىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، 70 - يىلى شەھەرنى ئالغان، شەھەرنى ۋەيران قىلىپ ئاياغ - ئاستى قىلغان. ئۈنچە - مەرۋايىتلارنى بۇلاپ - تالىغان، نۇرغۇنلىغان ئاھالىلەرنى قۇل قىلىپ سېتىۋەتكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن تىتۇس رىمغا غەلىبە بىلەن قايتىپ كەتكەن. ئىككىنچى قېتىملىقىدا، رىملىقلار ئېرۇسالىمدا زوراۋانلىق بىلەن يۇپىتېر ئىبادەتخانىسىنى قۇرغان. 132 - يىلى، قوزغىلاڭچىلار سىمون (لەقىمى <يۇلتۇزلار ئوغلانى>) نىڭ رەھبەرلىكىدە، رىم مۇستەملىكىچىلىرىنى قاتتىق جازالىغان، ئۇنىڭ داغدۇغىسى ھەيۋەتلىك بولغان. ئىمپېراتور ھادرىئان نۇرغۇن ئەسكەر ئەۋەتىپ باستۇرغان. 135 - يىلى ئېرۇسالىم يەنە بىر قېتىم ئىشغال قىلىنىپ، ۋەيران بولۇپ خارابىلىققا ئايلانغان. تۈركۈم - تۈركۈم ئاھالىلەر قىرغىن قىلىنغان ياكى قۇل قىلىنغان، قالغانلىرى يۇرتىدىن قوغلىنىپ ياقا يۇرتلارغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبور بولغان.