Uyghur←Chinese主要词典
يەھۇدىي دىنى
ئۇنىۋېرسال
yóu tài jiào
犹太教
مائارىپ
犹太教
yóu tài jiào
دىنى سۆزلۈكلەر
犹太教
yóu tài jiào
دىنى سۆزلۈكلەر
كاتولىك دىنى
一赐乐业教
yī cì lè yè jiào
دۇنيا تارىخى
犹太教
yóu tài jiào
يەھۇدىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن بىر خۇدالىق دىن. مىلادىدىن 1000 يىل ئىلگىرىكى يىللارنىڭ باشلىرىدا، پەلەستىندىكى <پەيغەمبەرلەر ھەرىكىتى> داۋامىدا بارلىققا كېلىشكە باشلىغان. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىردىكى <بابىلون تۇتقۇنلىرى> مەزگىلىدە ئاساسەن شەكىللەنگەن. مىلادىدىن 538 يىل ئىلگىرى يەھۇدىي <تۇتقۇنلىرى> يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئىلاھ ھاكىمىيىتى تۈزۈمىنى بەرپا قىلغان، شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىي دىنى ئاخىرى يەھۇدىيلارنىڭ بىردىنبىر دىنىغا ئايلانغان. يەھۋانى يەھۇدىيلارنىڭ <يېگانە ھەقىقىي خۇدا> سى دەپ ئېتىقاد قىلغان. يەھۇدىيلارنى يەھۋانىڭ <ئالاھىدە تاللىغان بەندىلىرى> دەپ ئاتىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى بىر قانچە يۈز يىل داۋامىدا يەھۋا <مەسېھ> كېلىپ جەبرى - جاپا تارتقان يەھۇدىيلارنى قۇتقۇزۇۋالىدۇ، ۋەھاكازا دېگەننى تەرغىپ قىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا يەھۇدىي دىنىنىڭ دىنىي ئەمرىمەرۇپلىرى بىلەن دىنىي قائىدىلىرىنى يەنى <مۇسانىڭ ئون پەرھىزى> - ئاساسلىقى <شۈكۈر - قانائەت قىلىش>، ئاتا - ئانىغا ھۆرمەت قىلىش، ئوغرىلىق، شەھۋانىيلىق ۋە قاراملىق قىلماسلىق، باشقىلارنىڭ مال - مۈلكىگە ھېرىس قىلماسىلىقنى مۇسا (بەندىلىرىنى باشلاپ مىسىرغا سەپەرگە چىققان مەزگىلىدە) بەلگىلەپ بەرگەنمىش. ئۇ يەنە بۇتقا چوقۇنۇشنى، تۇڭگۇز گۆشىگە ئوخشاش <مەكرو> يېمەكلىكلىرىنى ئىستېمال قىلىشنى ۋە خەتنە قىلمايدىغان يات مىللەتلەر بىلەن نىكاھلىنىشنى تەھقىق قىلغانمىش. بۇ دىننىڭ كالامى <تەۋرات> بولۇپ، ئۆز ئىچىگە <قانۇننامە> (<مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بەش دەستۇرى)، تەلمود (>پەيغەمبەرنامە<) ۋە >پەيغەمبەر خاتىرىسى< دىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈرنى ئالىدۇ. كېيىن خرىستىئان دىنى بۇ دىننىڭ بىر قىسىم دىنىي ئەقىدىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغان، ئۇنىڭ >تەۋراتى< نى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ كالامىنى >ئىنجىل< دەپ ئاتىغان. يەھۇدىي دىنى يەھۇدىيلارنىڭ ھاياتى ۋە تارىخىي تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. ⅡⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرى، ئاز سانلىق يەھۇدىيلار جۇڭگونىڭ كەيفېڭ شەھىرىگە كېلىپ >چېركاۋ< قۇرغان. بۇنى >ئىسرائىل دىنى< (يېۋرېيچەنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، ئىسرائىلىيىنىڭ غەيرىي تەرجىمە قىلىنىشى) دەپ ئاتىۋالغان.