Uyghur主要词典
يازما
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
يېزىق، خەت بىلەن ئىپادە قىلىنىدىغان.
ئېغىزاكى، ئېغىزچە
گەپ - سۆز بىلەن ئىپادە قىلىنىدىغان.
1994 - يىلى 26 - يانۋار لى پېڭ زۇڭلى قازاقىستانغا زىيارەتكە بارغاندا ئايرودرومدا يازما سۆز سۆزلىدى. ئىدارىگە يازمىچە دوكلات يوللاپ، پېنسىيىگە چىقىشنى ئىلتىماس قىلدىم. ئۇ ئېغىزاكى دوكلات بەردى، كېيىن ئېغىزچە بۇيرۇق چۈشۈردى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. يېزىق، خەت ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ياكى ئىپادىلىنىدىغان، يېزىلغان.
يازما پىكىر، يازما ئىمتىھان
ئى. يېزىق، خەت ۋاسىتىسى بىلەن ئىپادىلەنگەن نەرسە.
مۇبارەك ئۇشبۇ يازماڭنى زەپەر يادنامىسى دەيمۇ؟