Uyghur主要词典
يازاتىنكيان
دۇنيا تارىخى
بىرما پاگان خاندانلىقىنىڭ ھەربىي ئالىمى ۋە ئەدىبى. پادىشاھ ئۇزانا (1250 - 1254 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ باش ۋەزىرى بولغان. تەختكە ۋارىسلىق قىلغان پادىشاھ ناراتىخاپات (1254 - 1287 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) نىڭ چىشىغا تىگىپ قويغاچقا سۈرگۈن قىلىنغان. كېيىن كەچۈرۈم قىلىنىپ، مادۇباغا ئەۋەتىلگەندە، بۇ رايوندىكى توپىلاڭنى تېزلىكتە تىنچىتقان.