Uyghur主要词典
ياۋۇزلۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەڭ قەبىھ تەبىئەت.
ئەشەددىيلىك ئەركىنلىكنى بوغىدۇ. مۇدھىشلىك مەنمەنلىك تۇغدۇرار. ئارسلان ياۋۇزلۇق قىلىسىمۇ، ئارسىلان پېتى قالار. ۋەھشىيلىك ۋەھىمە تۇغدۇرار.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
يامان ئىش - ھەرىكەت، يامان ئىللەت.
ياخشىلىق، ئۈزگۈلۈك، ئېسىللىك
ياخشى ئىش - ھەرىكەت، ياخشى خىسلەت.
ياخشىلىقنى بىلمىگەن كىشىدىن ياخشىلىقنى بىلگەن كۈچۈك ئارتۇق. يامانلىق تېرىغاننى يامانلىق ئۇرار. ئادەم ياخشىلىقنى ئۇنتار، يامانلىقنى ئۇنتۇماس. يامانلىققا يامانلىق، ياخشىلىققا ياخشىلىق. تەمەخورلۇق ھەممە ئەسكىلىكنىڭ ئەسكىسى. ئەزگۈدىن ئەزگۈلۈك كېلەر، ياۋۇزدىن ياۋۇزلۇق. ياخشىلىقىڭ تەگكەن كىشىنىڭ ياۋۇزلۇقىدىن ساقلان. ياخشىلىق قولۇڭدىن كەلمىسە، يامانلىق قىلما. بۇمۇ ياخشىلىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ياۋۇزلارچە ئىش - ھەرىكەت، قىلىق.
مەن ئۇنىڭ مېنى مەپتۇن قىلغان چىرايلىق ھەم نۇرلۇق كۆزلىرىدىن پەقەت يىرتقۇچلاردىلا بولىدىغان ياۋۇزلۇقنى كۆردۈم.