Uyghur主要词典
ياتقۇزماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ياتماق> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
ئادىل بالىنى ھارۋىغا ياتقۇزۇپ، دوختۇرخانىغا قاراپ ئۇچقاندەك ھەيدەپ كەتتى.
ئورۇنلاشتۇرماق، جايلاشتۇرماق، بېكىتمەك.
چىم ياتقۇزماق، تاختاي ياتقۇزماق.
يېيىتماق، سالماق؛ تۆكمەك.
لاي ياتقۇزماق، توڭ ياتقۇزماق.
تەكشىلىمەك، تۈز ھالەتكە كەلتۈرمەك، قايرىماق، يانتۇ قىلماق.
— ئېلىئاخۇن ئۇستام، ماۋۇ ئۆتۈكنى كۆرۈپ باقسىلا،— دېدى دادام مىخلارنى ياتقۇزۇپ بولۇپ.