Uyghur主要词典
ياش ئەزىمەت چېخلار گۇرۇھى
دۇنيا تارىخى
ⅩⅨ ئەسىردىكى چېخ مىللەتچىلىك پارتىيىسى - مىللەت پارتىيىسى ئىچىدىكى رادىكالراق بولغان گۇرۇھ. 1861 - يىلى 2 - ئايدا، ئاۋسترىيە ئىمپېرىيىسى يېڭى ئاساسىي قانۇن جاكارلاپ، ئىمپېرىيە پارلامېنتى تەسىس قىلىپ، يۇقىرى تەبىقىدىكى بىر بۆلەك چېخلارنى سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشقا يول قويغاندا، چېخ مىللەت پارتىيىسى بارا - بارا بۆلۈنۈپ، كونسېرۋاتىپلار (پېشقەدەم چېخلار گۇرۇھى) ۋە رادىكاللار (ياش - ئەزىمەت چېخلار گۇرۇھى) شەكىللەنگەن. ياش - ئەزىمەتلەر گۇرۇھى يوسىف سلادكوۋسكي بىلەن يۇلىئۇس گرېگرنىڭ باشچىلىقىدا، دېھقانلار، ھۈنەرۋەنلەر ۋە زىيالىيلارغا تايىنىپ، چېخ مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. 1874 - يىلى مىللىي پارتىيىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئاۋسترىيەپەرەسلەر مەيدانغا ئۆتۈپ كەتكەن. 1905 - يىلىدىكى ئومۇمىي سايلامدا مەغلۇپ بولغان.