Uyghur←Chinese主要词典
ياش ئاۋسترىيە
دۇنيا تارىخى
青年奥地利
qīng nián ào dì lì
ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدىكى ئاۋسترىيە ئەدەبىيات - سەنئەتچىلىرىنىڭ مەخپىي تەرەققىيپەرۋەر تەشكىلاتى. ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ سىياسىي ئېتىقادى ئوخشاش ئەمەس، لېكىن شۇ چاغدىكى سىياسىي تۈزۈمگە بىردەك قارشى تۇرۇپ، ئادىل پرىنسىپقا ئاساسەن ئەركىن تەرەققىيپەرۋەر ئاۋسترىيە قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار مەشھۇر <گرېنسپورت> ژۇرنىلىغا ئىگە ئىدى. ئاۋسترىيىدىكى قاتتىق سېنزۇر تۈزۈمىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا، بۇ تەشكىلات چەت ئەلنىڭ ئىدىيىۋى ئېقىملىرىنى خەۋەر قىلىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىدىيىسىنى ئويغىتىش ۋە ساختىپەزلىكىنى پاش قىلىش رولىنى ئوينىغان. 1848 - يىلى ئىنقىلابنىڭ ھارپىسىدا، ئاۋسترىيە ئەكسىيەتچىل دائىرىلىرىنڭ قاتتىق زۇلمى ئاستىدا بۇ تەشكىلات پائالىيىتىنى پەيدىنپەي توختاتقان.