Uyghur主要词典
ياشىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بۇ دۇنيادا مەۋجۇت تۇرماق.
كۆپ ياشىغان بىلمەس، كۆپ كۆرگەن بىلەر. مېنىڭ ياشاش پەلسەپەم - ئىشلەش. شۇنداق ياشىغىنكى، سەن بولساڭ شەرقتە، ساڭا دۇئا قىلسۇن ئادەملەر غەربتە. مېنىڭ ياشاشتىكى مەقسىتىم باشقىلارنى تېخىمۇ گۈزەل ھايات كەچۈرۈشكە ئېرىشتۈرۈش. تۇرمۇش كەچۈرۈش - چوڭ جەڭ. كۈن كۆرۈش ئۈچۈن ئىشلەشتىن باشقا ئامال يوق. تىرىكچىلىك قىل. تۇرمۇشۇڭنى ياخشى ئۆتكۈز. ئۆمۈر سۈرمەك ئاسان ئەمەس.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆمۈر سۈرمەك، تىرىكچىلىك قىلماق.
ئۆلمەك
ياشاشتىن توختىماق، ھاياتلىق پائالىيىتى تۈگىمەك، جاندىن جۇدا بولماق.
قەدەھتە ئۆلگەنلەر دېڭىزدا ئۆلگەنلەردىن جىق. يىغلاپ يۈرۈپ ياشىغۇچە، ناخشا ئېيتىپ ئۆلگەن ياخشى. يېيىش ئۈچۈن ياشىماي، ياشاش ئۈچۈن يە. ئۆلمەك ئاسان، ياشىماق تەس. تەقدىرگە تايىنىپ ياشىماي، تەدبىرگە تايىنىپ ياشا. بۆرىنىڭ ئۆلگىنى - قوينىڭ كۈن كۆرگىنى. بىرى ئۆلمىگۈچە بىرى كۈن كۆرمەس. كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرەي دېسەڭ، ئىشلە. توشقاندەك يۈز يىل ياشىغۇچە، يولۋاستەك بىر يىل ياشا.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
<ياشمۇق> قا قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
مەلۇم ۋاقىت ئۆمۈر كۆرمەك؛ ھايات كەچۈرمەك.
كۆپ ياشىغان نېمە بىلەر، كۆپنى كۆرگەن شۇ بىلەر (ماقال)
بىرەر يوسۇندا ھايات كەچۈرمەك، بىرەر تەرزدە تىرىكچىلىك قىلماق.
مەنمۇ ئەنە ئاشۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، پېنسىيىدە ياشاۋاتىمەن ۋە ئارامخۇدا پېنسىيە تۇرمۇشىدا، يېتەرلىك ۋاقىتقا ئىگە بولۇپ، بۇ كىتابىمنى يېزىپ چىقتىم.
بىرەر جايدا ھايات كەچۈرۈشكە ماسلاشماق، ئادەتلەنمەك.
ئۇلار پەقەت شۇ ئابىدە تۇرىدىغان تاغدىكى غارنىڭ ئىچىدە ياشاپتۇ.
— مەن ئەۋلادمۇئەۋلاد دەل - دەرەخ پوستىدىن ماكان تۇتۇپ ياشاپ كېلىۋاتقان قۇرت بولىمەن،— دەپتۇ ئۇ گۈلگە قاراپ.
بىر كىمگە ئەر ياكى خوتۇن بولۇپ ھايات كەچۈرمەك، ئەر - خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىدە بولماق.
— سى زتېخىچە ئېنىق جاۋاب بەرمەيۋاتىسىز، ئېيتىڭ،ا ئىككىمىزنىڭ بىرئائىلىدە ياشىشىمىزغا رازىمۇ سىز؟— دېدى زۇنۇن دۇدۇقلاپ تۇرۇپ.
كۆچمە. مەۋجۇت بولۇپ تۇرماق، بار بولماق، ساقلانماق.
كۈرەشچان تارىخىمىزغا بەتلەر ياراتقان ئازادلىق قۇربانلىرىنىڭ نامى خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ.
بۇيرۇق پېئىلىنىڭ ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى شەخس فورمىسىدا، كېلىپ بىرەر كىشى ياكى نەرسىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى، ئەبەدىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى توغرىسىدىكى تىلەكنى، شۇنداقلا ماقۇللاش، سۆيۈنۈش، شادلىنىشقا ئوخشاش ھېس - تۇيغۇلارنى ئىپادىلەيدۇ.
ياشا ئوغلۇم خويمۇ ئىش قىلدىڭ.
ياشىسۇن خەلق! ياشىسۇن ۋەتەن!