Uyghur←Chinese主要词典
ياش گېگېلچىلار
دۇنيا تارىخى
青年黑格尔派
qīng nián hēi gé ěr pài
سول قانات گېگېلچىلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىن گېگېل ئېقىمىدىن بۆلۈنۈپ چىققان گېرمانىيە رادىكال بۇرژۇئا ئىدىيىۋى ئېقىمى. 1831 - يىلى گېگېل ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەردىن تەشكىل تاپقان. ئاساسىي ۋەكىللىرى شترائۇس، برۇنو، باۋېر، رۇگې، ستىرنېر قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇلار <ئۆز ئېڭى> نى گېگېلنىڭ <مۇتلەق ئىدىيىسى> نىڭ ئورنىغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن پەلسەپە جەھەتتە گېگېل سىستېمىسىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن. سىياسىي جەھەتتە فېئوداللىق تۈزۈمنى سۆكۈپ، بۇرژۇئا ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان، لېكىن ئەكسىيەتچى قارشى كۈچلەرگە قارشى كۈرەشتە دىن ۋە خرىستىئان ئەقىدىسىنى تەنقىد قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. شۇڭا، پەلسەپ ۋە سىياسىي جەھەتتە ئىنقىلابىي يولغا ماڭمىغان. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ 40 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا گېرمانىيە پرولېتارلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، پەيدىنپەي بۇرژۇئا ئەركىنچىلىرىگ ئۆزگىرىپ كەتكەن. ماركس ۋە ئېنگېلس <مۇقەددەس ئائىلە> ۋە <نېمىس ئىدېئولوگىيىسى> دېگەن ئەسەرلىرىدە بۇ مەزھەپتىكىلەرنىڭ ئىدېئالىستىك نۇقتىئىنەزەرلىرىنى تەنقىد قىلغان. بۇ مەزھەپتىكىلەر ئەدەبىيات - سەنئەت، پەلسەپە ژۇرنىلى <گېرمانىيە ئىلىم - پەن ۋە سەنئەت يىللىق مەجمۇئەسى> نى نەشر قىلغان.