Uyghur主要词典
ياساق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
قارار، تەرتىپ، قانۇن؛ سەپ، ھەربىي ئىنتىزام، جەڭگىۋار تەرتىپ.
جازا، سېلىق:
2.تۈشتى سىپاھى بىرسىنى چاپقالى،
شاھ ياساقىدىن ئەمان تاپقالى.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
نىزام، قانۇن؛ تەرتىپ، جازا؛ مەئىي قىلماق، چەكلىمەك؛ ئىشتىراپ؛ تەقىق؛ سېلىق، جەرىمانە؛ ياساق چىڭگىز - چىڭگىزىان قانۇنى ياكى نىزامى؛ مەكتەپتە تاماكا چېكىش ياساقتۇر - مەكتەپتە تاماكا چېكىش چەكلەنگەندۇر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھۆكۈمەت پۇقراغا سالىدىغان خىراج - باج، ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيەت.
«ھاشار» ئەمگەك كۈچى سېلىقى.
«سەيسى» خەنزۇچە: 差使
يۇرت بولسا، ئالۋان بولمىسا، تىنىج بولسا، مالىمان بولمىسا، ياتقانغا يان يوق، ئوپقانغا ئالۋان. ياساق ياندىكىلەرگە يان باسىدۇ. سەيسى سەلدەك كېلىدۇ. ھاڭرىمىغان ئېشەككە سېلىق ساپتۇ. سېلىقدىن قاچساڭ، ئېلىقى بار. ھاشارغا تۇتۇلغانلاردىن ساق كەلگەنلىرى يەنە ھاشارغا تۇتۇلۇپتۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دۆلەت، پارتىيە، ئارمىيىنىڭ قائىدە - يوسۇن، تەرتىپ - ئىنتىزام، ھەق - ھوقۇقلار بەلگىلەنگەن، رىئايە قىلىش شەرت بولغان قانۇنىي ھۆججەت.
ئاپتونوم رايونلۇق 7 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 - يىغىنى <نەشىنى چەكلەش نىزامى> نى ماقۇللىدى. پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە نىزامنامىسىغا قەتئىي ئەمەل قىلىشى شەرت. يېڭى ھەربىي ئۇستاب ئېلان قىلىندى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تارس. تۈرلۈك قانۇن.
دۆلەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن تۈرلۈك سېلىق؛ باج، ئالۋان.
ياساق تۆلىمەك، ياساق تاپشۇرماق.
— تېكىن ئاغىچى ئىلىك ھاجىپ ۋە بۆرىبەگ بىلەن بىللە ياساق ئېلىش توغرسىدا بىر يېڭى بەلگىلىمە بېكىتىپ چىققاي،— دېدى خان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قانۇن، نىزام، چەكلەش.