Uyghur主要词典
ياروسلاۋ
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 978 - 1054) كيېۋرۇس كىنەزى (1019 - 1054). ئەسلىدە نوۋوگورودنىڭ كىنەزى. 1015 - يىلى ئۇنىڭ دادىسى كىنەز ۋىلادىمىر سۋياتوسلاۋىچ ئۆلگەندىن كېيىن، ئاكا - ئۇكىلار ئارىسىدا ئىچكى نىزا تۇغۇلۇپ، سۋياتوپولك كيېۋنىڭ ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، باشقا ئۈچ قېرىندىشىنى (بورىس، گىرىب، سۋياتوسلاۋلارنى) ئۆلتۈرۋەتكەن. ياروسلاۋ نوۋوگورود قوشۇنىغا باشچىلىق قىلىپ ئۇنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، كيېۋروسنى يېڭىۋاشتىن بىرلىككە كەلتۈرگەن ۋە 1036 - يىلىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنى رۇسنىڭ پۈتكۈل زېمىنىغىچە كېڭەيتكەن. يەنە گالىچنى قوشۇۋالغان، پولشا بىلەن لىتۋانى مەغلۇپ قىلغان، فىنلاندىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى بويسۇندۇرغان ھەمدە پېچېنەكلەرنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىنى توسقان. 1043 - يىلى ۋىزانتىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ، مەغلۇپ بولغان. مەملىكەت ئىچىدە، چېركاۋنىڭ باشقۇرۇش ئورگىنىنى قۇرغان؛ <ياروسلاۋ قانۇنى> نى تۈزۈپ، شەكىللەنگەن فېئوداللىق مۇناسىۋەتنى قانۇن شەكلى ئارقىلىق مۇستەھكەملىگەن. ئۆلگەندىن كېيىن ئوغۇللىرى تەختنى تالىشىپ، يەنە بۆلۈنۈش ھالىتىگە قايتىپ، فېئوداللىق بۆلۈنمىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.