Uyghur主要词典
يارلىق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەمر، پەرمان.
ھېرىسمەنلىك؛دوستلۇق، ھەمكارلىق؛ ياردەم:
2. ئەگەر ھاجەت ئەھلى قىلىپ زارلىق،
تەزەررۇئ بىلە ئىستەسە يارلىق.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
يارلىق، بۇيرۇق، پەرمان.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
دوستلۇق، ياردەم(بۇ ئىككى سۆز<يارلىغ> دەپمۇ كېلىدۇ).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىلىش مەجبۇرىي بولغان كۆرسەتمىسى.
بۇيرۇقنىڭ قولى. ئۆزى بۇيرۇق قىلىپ ئۆگەنگەن كىشى قىيىن باشقىلارغا قۇلاق سېلىشى. ئەدەبتىن ئەمر ئەلا. خاننىڭ ئەمرىدىن خوتۇننىڭ بويرۇقى كۈچلۈك. بارنىڭ ئىشى پەرمان بىلەن. يوقنىڭ ئىشى ئارمان بىلەن. يارلىق چۈشسە، يەردە قالمايدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھاكىمىيەت ئورگانلىرىنىڭ ئىجرا قىلىش شەرت بولغان يوليورۇقى، قارارى، تاپشۇرۇقى.
ئىلتىجا، ئىلتىماس، مۇراجىئەت
تەلەپ، ئۆتۈنۈش.
باشلىقنىڭ ئىلتىماسىمۇ بۇيرۇق. بۇيرۇق چۈشتى - ئىش پۈتتى. خاننىڭ ئەمرىدىن خوتۇننىڭ بۇيرۇقى كۈچلۈك. ئەدەبتىن ئەمىر ئەلا. بارنىڭ ئىشى پەرمان بىلەن، يوقنىڭ ئىشى ئارمان بىلەن. يارلىق چۈشسە يەردە قالماپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تەبىئەت ھادىسىلىرىدىن يار شەكىللىنىپ قالغان جاي؛ يارداڭلىق.
<چاقماق> رازۋېدكىچىلار گۇرۇپپىسى چوڭقۇر يارلىق ئىچىدىكى سۇدىن چىقماي، مەھەللە ئىچىگە ئىلگىرىلىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تارس. بىر كىمگە ئەمەل، ئۇنۋان ۋە شۇ قاتارلىقلاr بېرىلگەنلىكى ياكى بىرەر ئىشنى ئورۇنلاش توغرىسىدىكى رەسمىي ئۇقتۇرۇش، ھۆججەت؛ پەرمان، بۇيرۇق.
يارلىق پۈتمەك، يارلىق چۈشمەك. يارلىق چىقارماق.
پادىشاھ ئادىتى بويىچە ئىنئام بەرس يارلىقنى ئۆزى يېزىپ، پېچەتلەپ، ئۇنى ئېلىپ بارىدىغان جاينى ئېيتىپ بېرىدىكەن، شۇ ۋەجىدىن دانىشمەنگىمۇ يارلىق سېلىنغان بىر لېپاپنى ئۇزىتىپتۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
پەرمان، يارلىق، بۇيرۇق؛ كەسكىنلىك، يىرغىلى بولماسلىق.