Uyghur主要词典
ياقتۇرماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مۇھەببەت قويماق، ئىشىق چۈشمەك.
سۆيمىگەنگە سۈركەلمە، دۈشمەن سۆيگەننى سۆيمە. كۆز مىڭنى كۆرەر، كۆڭۈل بىرنى سۆيەر. ياراتمىغاننى ياقتۇرما. _ مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن، _ دېدى يىگىت سەل تىتىرىگەن ئاۋازدا. _ مەنمۇ سىزنى ياخشى كۆرىمەن، _ دېدى قىز يەرگە قاراپ تۇرۇپ. بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قالما. ئاشىق بولدۇم ئۆزۈڭگە، قاشىڭ بىلەن كۆزۈڭگە، تەڭ تاپماستىن ئۆزۈمگە، ئەمدى يەتتىم مەقسەتكە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ماقۇل كۆرمەك، ياخشى كۆرمەك.
يار مېنى ياراتمىسا، ئۆزگە يەردىن يار تۇتاي. ئوت سۇنى ياراتمايدىغان بولسا، سۇ ئوتنىڭ نېمىسىنى ياراتسۇن!؟ قولىدىن كېلىدىغىنىنى ياقتۇرماس، ياقتۇرغىنى قولىدىن كەلمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ياقماق Ⅰ> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
ئوت ياقتۇرماق، چىراغ ياقتۇرماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ياقماق Ⅱ> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
بۇ قىزنى بىرقانچە قېتىم كۆرۈپلا ياقتۇرۇپ قالغان قۇربانئاخۇن سۇلايمانغا ئېلىپ بېرىمەن دەپ ئەلچى ئەۋەتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ياقماق Ⅲ> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
ئەتىسى پاتمىخانغا سامسا ياقتۇرۇپ، ئون سامسىنى تاللاپ بېلىمگە تۈگۈپ، چۈش بىلەن تەڭ ناھىيە بازىرىغا باردىم.