Uyghur主要词典
ياپراق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆسۈملۈكنىڭ ئوزۇقلىنىش ئورگانلىرىنىڭ بىرى.
جۈپتى يوق ئەر، يوپۇرمىقى يوق تېرەك. ياپراق چۆكۈپ، تاش لەيلەيدىغان ۋاقىتمۇ بولىدۇ. ئانىسى ئۇسسۇل ئوينىسا، بالىلىرى چاۋاك چالىدۇ، ئۇ نېمە؟ (- يوپۇرماق، ياپراق).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
جان ت يوپۇرماق.
ئۇ ئاشۇ ئالتۇن ياپراقلاr ئۈستىدە، قۇملۇق قاشتا ئويناق سۇغا قاراپ ئولتۇرۇپ سومكىسىدىن يېشىل تاشلىق دەپتىرى بىلەن قەلىمىنى ئالدى - دە، شۇ كۈننىڭ خاتىرىسىنى يېزىشقا باشلىدى.
نېپىز نەرسە.
ئەمدىلا گۆشتىن بىر ياپراق كېسىشىم بىلەن پىچاق قولۇمنى كەستى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
ياپراقتەك ئەۋرىشىم، نازۇك قىز.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ياپراق، دەل - دەرەخ، زىرائەتلەرنىڭ يوپۇرمىقى. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ياپراق كىتابنىڭ بىر ۋارىقىنىمۇ كۆرسىتەتتى.