Uyghur主要词典
ياپ
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ياپماق. يېپىش.1. ئۈستىدىن ئورىماق، ئالدىدىن توسماق.
يوتقان ياپماق. *خاتالىقنى ياپماق. * تۇۋاقنى ياپماق. * ئۇ يېرىنى ياپسا، بۇ يېرى ئېچىلىپ قالماق. * ئاينى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولمايدۇ (ماقال). * بىر يالغاننى يېپىشقا ئون يالغان يەتمەيدۇ (ماقال).
2. ئەتمەك. ئىشىكنى ياپماق. * كۆزنى ياپماق. * ئاغزىنى ياپماق.* كىتابنى ياپماق.
3. تۈگەتمەك. بوغماق. مەجلىسنى ياپماق. * يىغىننى يېپىش مۇراسىمى. * ھېسابنى ياپماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
چاپلىماق، قاقلاپ، چاپلاپ پىشۇرماق.
نان ياپماق.* ياپسام پىشارمۇ، كۆمسەم پىشارمۇ. * ئانىسى قۇۋلۇق قىلىپ نېپىز ياپسا، بالىسى زېرەكىلىك قىلىپ قوشلاپ يەپتۇ (ماقال).
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
دۈگىلەك.
ھەر قانداق دۈگىلەك نەرسە. ياپ يارماق يوق _ يېنىمدا دۈگىلەك (يەنى پۈتۈن) يارماق يوق.
3 - 1
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
جاۋىغا.
يۇڭ ياپ _ يۇڭ - جاۋىغا.
3 - 1
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ياپ يۇپ _ ھىيلە، ھىيلە - مىكىر. ياپ يۇپ قىلدى _ ھىيلە - مىكىر ئىشلەتتى.
3 - 217
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
تەكىت مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ