Uyghur主要词典
يانتاياق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
زالىم - زومىگەرلەرنىڭ زۇلمىغا ياردەملەشكۈچى غالچىلار، يالاقچىلار.
پادىشاھ ئوردىدا بولمىسا، قولچۇماقلىرى جاھاننى بۇزار. يامانغا يانتاياق بولما. زالىمنىڭ ئاتارمەن - چاپارمەنلىرى يۇرتنىڭ ئاپىتى. زومىگەرنىڭ ئاتارمەن - چاپارمەنلىرى زومىگەردىنمۇ يامان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
يان + تاياق
ئىسىم
تايىنىپ ماڭىدىغان تاياق.
بىرىنىڭ كىيگىنى مېنىڭدەك جۇل - جۇل، بىرىنىڭ قولىدا بىر جۈپ يانتاياق. نەۋرىسى يېتىلەپ كېلەر ئەمانى، بىرىنىڭ قولىدا ئەرىز بىر بولاق.
كۆچمە. تايانچ، ياردەملەشكۈچى، ياردەمچى.
يانتاياق بولماق.