Uyghur主要词典
يانماق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بارغان يەردىن چىققان يەرگە قاراپ يۈرمەك.
بارماق
بۇ يەردىن ئۇ يەرگە يۈرۈپ كەتمەك.
ئانام بارغۇچە، لەيلىقازاق توزۇپتۇ. بارار يېرى سامانلىق. كىشىگە قىلغان ئۆزىگە يانار. ئېشەك ئۆز يېرىگە قايتىدىغان يولنى بىلىدۇ. قاغىنىڭ بارغىنىنى سورىما، يانغىنىنى سورا. بار تاۋىقىم، يان تاۋىقىم، يانمىساڭ يېرىم يولدا سۇن تاۋىقىم.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۇرغان بېرىدىن ئەسلى چىققان يېرىگە بارماق.
بېرىشتىن بۇرۇن قايتىشىنى ئويلا. كىشىگە قىلغان ئۆزىگە يانار. يېرىم كۈننىڭ يېنىشى يوق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېقىلغۇ ئوت ئالماق؛ نەرسە ئوتتا يوقالماق.
گۆش بىلەن ياغ بىر تۇغقان، پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن. ئىككى كىشى ئارىسىغا ئوت ياقسا كىمكى، ئوتتۇرىدا شۇ ناداننىڭ كۆيىدۇ ئۆزى. پىشماسنىڭ ئوتى يانماس. ئۆلگەن كەلمەس، ئۆچكەن يانماس. ئوتنىڭ تېشىدا ئۆرتەنگۈچە، ئىچىدە كۆي.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چىققان يەرگە كەلمەك.
ياخشىلىق قىلساڭ، ياخشىلىق يانار. قايتقان مالدا بەرىكەت بار. بارىسەن دېگەن يارىم، يانىسەن دېگەن يارىم، سەن مەندىن ئايرىلساڭ، ئۆلىسەن دېگەن يارىم. بازاردا ھەمراھىڭ بولاي، قايتاردا جۈپتۈڭ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ماددا جىددىي ئوكسىدلىنىپ، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بەرمەك.
ئۆچمەك
كۆيۈشتىن توختىماق.
بىر چۇچۇلا باياۋاندا يانار، ئىككى چۇچۇلا ئوچاقتا يانماس. بىچارىنىڭ مېيىمۇ يانمايدۇ، دۆلەتمەننىڭ سۈيىمۇ يانىدۇ. ئۆي ئۆز ئوتىدىن كۆيىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قورقۇتماق؛ ئايلانماق، ئۆزگەرمەك؛ يايماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئەسلىي كەلگەن ياكى تۇرغان يېرىگە بارماق، دەسلەپكى يېرىگە كەلمەك، قايتماق.
ئۆيگە يانماق. بازاردىن يانماق.
ئاتقان ئوق يېنىپ كەلمەس (ماقال).
يېرىم كۈننىڭ يېنىشى يوق (ماقال).
چېكىنمەك، قايتماق.
ئەتىگەنكى مۇشتتىن يانما (ماقال).
ئۇ ئەتىگەندە سودىدىن يانسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، باھا تالاشمايلا خېرىدارنىڭ دېگىنىگە بېرىۋەتتى.
قارشىلىق قىلماق، دىۋىنماق، ئۆكتە قوپماق.
ئوغلى نەسىھەتنى قوبۇل قىلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ھەتتا دادىسىغا يېنىپ يولسىز تاكاللاشتى.
سوۋۇماق، پەسەيمەك.
كەيپى يانماق. قىزىتمىسى يانماق.
قاتتىقلىق دەرىجىسى بوشىماق، چىڭلىقى يوقالماق.
كامانچىلىق چالغۇلار ئادەتتە ئاسان يېنىپ كەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئاۋاز مۇقىملىقى باشقا چالغۇلارغا نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ.
توختىماق، ۋاز كەچمەك، قايتماق، بوشىماق.
- بىزنى بوزەك قىلىدىغان ئەختەمبايدەك ئادەملەر بىلەن بولىدىغان كۈرىشىمىز تېخى بار، كۈرەش قىلىشتىن يانمايمىز.
چۈشۈپ قالماق.
ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئادەم كېلىپ مەن يېقىلغان يەرگە يانچۇقۇمدىن يېنىپ قالغان ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكا، تونۇشتۇرۇش قەغىزى ۋە بېلەت قاتارلىقلارنى توپىلىرىنى قېقىۋېتىپ قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئوت ئالماق، كۆيمەك.
تار ۋە تۇمانلىشىپ قالغان كوچىدا خىرە ئېلېكتر چىراغلىرى ياندى.