Uyghur主要词典
ياندىكى بۆلۈنگۈچى توقۇلما
بىئولوگىيە
ئۆسۈملۈك تېنىنىڭ يان تەرىپىگە جايلاشقان بۆلۈنگۈچى توقۇلما، ياندىكى بۆلۈنگۈچى توقۇلما يېتىلگەن توقۇلمىغا كىرىدۇ، ئورگانىك ئۇزۇن ئوقىغا پاراللېل جايلىشىدۇ، تۈزۈلۈشى بەلباغسىمان ياكى كانايسىمان بولىدۇ. ئۇ ھاسىل قىلغۇچى قەۋەت بىلەن پۇرۇپكا ھاسىل قىلغۇچى قەۋەتنى ئۆز ئىچىەە ئالىدۇ، ئۇ ئاساسەن غولغا پاراللېل بۆلۈنۈپ ئىچكى ۋە تاشقى تەرەپكە ھۈجەيرە ھاسىل قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يىلتىز، غول قاتارلىق ئورگانلار توملىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا يەنە غولغا تىك بۆلۈنۈپ ئۆزىنىڭ ئايلانمىسىنى كېڭەيتىدۇ. بۇ توقۇلما پەقەت يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەردە كۆرۈلىدۇ. يەككە پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەردە ئادەتتە ياندىكى بۆلۈنگۈچى توقۇلما بولمايدۇ.