Uyghur主要词典
ياماشماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<يامىماق> پېئىلىنىڭ ئۆملۈك دەرىجىسى.
ئۇ كۈنى مەھبۇسلار كىيىملىرىنىڭ يىرتىلغان يەرلىرىنى يامىشىپ، ساقال - بۇرۇتلىرىنى ئېلىشىپ، ئاز - تولا تازىلىق قىلىشىۋالدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر نەرسىگە ئېسىلىپ يۇقىرى ئۆرلىمەك، چىقماق.
ماشنىغا ياماشماق. تاغقا ياماشماق.
ئۇ جاقىلدىغان ھالدا قىرغاقتىكى مۇزغا يامىشاتتى، ئەمما چىقالمايتتى.
ئېسىلماق، يېپىشماق.
ئاغزىمدىن چىقتى، ساقىلىمغا ياماشتى (ماقال).
پەيدا بولماق، ھاسىل بولماق؛ ئەگىمەك، قاپلىماق، كۆرۈنمەك.
ئۇنىڭ ئاۋازى غەزەپلەنگەنلىكتىنمۇ ياكى يىغا ياماشقانلىقتىنمۇ غەلىتە تىترەپ چىقتى.
كۆچمە. چىقىشقا تىرىشماق، ئۇرۇنماق، تەلپۈنمەك.
- ئاداش، خاتىرجەم بول، مەن بۇنداق پەسكەش يول بىلەن يۇقىرىغا ياماشمىساممۇ، ھازىرقى ئورنۇم يېتىپ ئاشىدۇ، - دېدىم تۇرسۇنغا زەردە بىلەن.
ئامىنە، مەن سىزنىڭ دادىڭىزنى ئوبدان بىلىمەن، ئۇ پۈتۈن ئۆمرى يۇقىرىغا يامىشىش بىلەن ئۆتكەن ئادەم، ئۇ ئۆزىنىلا ئويلايدۇ.