Uyghur主要词典
يامانلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نارازى بولۇپ قارىماي يۈرمەك.
باتنىغاننىڭ نېسىۋىسىنى باشقىلار يەر. يامانلىغان ئابدالنىڭ خۇرجۇنىغا زىيان. ئىگىسىگە كېرەك بولسا، قوشنىسى ئۆپكىلىمەس. كۆپتىن قېيىداپ كۆنەلمەي قاپتۇ. ئۇ چاپان چۆرۈپ چىقىپ كەتتى. چاپىنىڭنىڭ پېشىنى قاققىنىڭ بىلەنمۇ ئىش پۈتمەيدۇ. تۇرسۇن نېمە بولدىكىن، تەتۈر قاراپ يۈرىدۇ. سىڭايان قارىغانغا سان يوق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋنىڭ ئارقىسىدىن يامان گېپىنى قىلىپ، ئۇنىڭ ئابروي - ئىشەنچىنى چۈشۈرمەك.
گاس ئىكەن غەيۋەت قىلما، قارىغۇ دەپ خىيانەت قىلما. ىەقلەر ئارقاڭدىن غاجىسا غاجاۋەرسۇن، سېنىڭ كارىڭ بولمىسىلا بولدى. شىكايەت قىلغان نومۇسقا قالار، ئاخىر بېرىپ تىلدىن قالار. يامان بولمىسا ئۆزى، يامانلامدۇ كىشىنى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
باشقىلارغا بىراۋنى قارىلاپ، يامانغا چىقىرپ گەپ قىلماق، چېقىشتۇرماق؛ يامان گېپىنى قىلماق.
كىمدۇر بىرى نېمە مەقسەت بىلەنكىن تاڭ، گۈلزارنىڭ ئاتىسىغا پازىلنى يامانلاپ بەردى.
خاپا بولماق، ئاغرىنماق، رەنجىمەك، باتنىماق.
دوستتىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلۇقى (ماقال).