Uyghur主要词典
يالۇڭخې دەرياسى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى
领域: تاغ ۋە دالىلاريالۇڭخې دەرياسى داڭلىق مەنزىرىلىك رايونى − شىزاڭ ئاپتونوم رايونى شەننەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدا، زاڭزۇ مىللىتىنىڭ بۆشۈكلىرىدىن بىرى. بۇ يەردىكى قارلىق تاغ، مۇزلۇق، يېزا، - قىشلاق ۋە چارۋىچىلىق مەيدانلىرى، دېڭىز ساھىلى، جىلغا، قەدىمكى مەدەنىيەت خارابىسى ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەت قاتارلىقلار سىرلىق، قەدىمىي ھەم كۆركەم كۆرۈنۈشلەرنى ھاسىل قىلغان. مەنزىرىلىك رايوندا ئۆسۈملۈك تۈرلىرى مول، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ئېگىزلىكنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ۋېرتىكال زونىغا تارقالغان. گۇمانىتار مەنزىرىلەردىن شىزاڭدىكى ئەڭ بۇرۇنقى قەسىر يۇڭبۇلاكاڭ، شىزاڭ بويىچە تۇنجى ئىبادەتخانا − يۇەنگې ئىبادەتخانىسى، مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى − چاڭجۇ ئىبادەتخانىسى ۋە زاڭزۇ خانلىرىنىڭ قەبرىلەر توپى قاتارلىقلار بار. ئوتتۇرا ئەسىر بىناكارلىق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئاھالە تۇرالغۇلىرى ھەمدە مىللىي ئۆرپ - ئادەت، دىنىي پائالىيەت قاتارلىقلار روشەن رايون ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。