Uyghur主要词典
يالتايماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەسلى ھالىدىن ئۆزگىرىپ قالماق، سۆزىدىن يېنىۋالماق، ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق.
يالتايغانغا يالۋۇرما. ئاينىپ كەتكەن دوست ئەمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر سەۋەب تۈپەيلى قىلماقچى بولغان گەپ - سۆز ياكى ئىش - ھەرىكەتتىن ۋاز كەچمەك؛ ئەسلىي ھالدىن ئۆزگىرىپ قالماق، يېنىۋالماق.
مەن نامەت توغرۇلۇق ئويلاشتىن تېزلا يالتايدىم - دە، ئۇنىڭ يېنىدا ئاغزىنى يوغان ئېچىپ ئۇخلاۋاتقان قۇرماش ئىسىملىك قازاق يىگىتكە قارىدىم.