Uyghur主要词典
يالغان ياۋىداق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
«يالغان - ياۋىداق»راست ئەمەس، ھەقىقىي ئەھۋالغا زىت.
<يالغان>، <يالغان - ياۋىداق> ئومۇمەن گەپ - سۆزگە قارىتىلىدۇ.
<ساختا>، <جا>، <رىيا> لار ئادەم ۋە نەرسىلەرگە قارىتىلىدۇ، ھىيلە - مىكىر ئارىلاشقان بولىدۇ.
<غەلەت> ئەسلى ھالىدىن باشقىچە ھال.
<جا> خەنزۇچە: 假
يالغانمۇ يولى بىلەن بولسۇن. يالغان - ياۋىداقنىڭ ئۇۋىسىنى تاپماق تەس. ساختا مال ئاسان سېزىلىدۇ. جا ئادەم ئاخىر جاندىن ئايرىلىدۇ. رىيا ئىش يامانلىققا قوشنا. غەلەت ھەرىكەت قىلساڭ، غەلىبە يوق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ھېچقانداق ئاساسقا ئىگە بولمىغان، پىتنە - پاسات، پىنتە - ئىغۋا.
يالغان - ياۋىداق سۆز. <مەنغۇ ئەر كىشى، بۇنداق يالغان - ياۋىداقلارغا پىسەنت قىلمىساملا بولدى، ئەمما نۇربىيە قانداق قىلىدۇ؟> ئۇ شۇلارنى ئويلاپ بېشىنى قاتۇراتتى.