Uyghur主要词典
ياڭلاۋ ئەمىر پەرمانلىرى
دۇنيا تارىخى
«ياڭلاۋ ئەمىر - پەرمانلىرى»ياپونىيىنىڭ نارا دەۋرىدە تۈزۈلگەن قانۇنلار توپلىمى. مىلادى 718 - يىلى (يورونىڭ 2 - يىلى) فۇجىۋارا قاتارلىقلار <داباۋ ئەرمىر - پەرمانلىرى> ئاساسىدا ئۆزگەرتىپ تۈزگەن. قانۇن ۋە ئەمىر - پەرمان قىسمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 10 جىلدتىن تەركىب تاپىدۇ. مەزمونى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ. 1، 2 - جىلد مەشھۇر شەخسلەر قىسمى؛ 3 - جىلد قوغداش، تەقىپ، ۋەزىپە تۈزۈمى قىسمى؛ 4 - جىلد ئائىلە، نىكاھ قىسمى؛ 5 - جىلد قوتان - ئامبار ۋە باشباشتاقلىق قىسمى؛ 6 - جىلد ئوغرى - قاراقچىلىق قىسمى؛ 7 - جىلد جېدەل - ماجىرا قىسمى؛ 8 - جىلد ئالدامچىلىق قىسمى؛ 9 - جىلد ئارىلاشما تۈرلەر قىسمى؛ 10 - جىلد تۇتقۇن قىلىش، ئۆلۈ
م جازاسى ۋە تۈرمە قىسمى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. 775 - يىلى (تيەنچىڭ باۋزىنىڭ 1 - يىلى) دىن باشلاپ يولغا قويۇلغان. كېيىن ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىلىپ، تولۇقلانغان. Ⅹ ئەسىردىن كېيىن رەسمىيەتكە ئايلانغان. ھازىر بۇ كىتانىڭ كۆپچىلىك قىسمى يوقالغان، قالدۇقلىرى يىغىۋېلىنىپ، <قانۇندىن پارچىلار> غا كىرگۈزۈلگەن.