Uyghur主要词典
يالاقچى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋنىڭ يالىقىنى يالاپ، يۇندىسىنى ئىچىپ يۈرىدىغان پەس تەبىئەتلىك خۇشامەتچى كىشى.
<سۆڭگۈچكۈ> لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
موللىنىڭ يامىنى قاراقچى بولار، ئادەمنىڭ يامىنى يالاقچى. يۇندىخورنىڭ يۈزىگە قارىما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
باشقىلارغا خۇشامەت، تەخسىكەشلىك بىلەن خىزمەت قىلىپ، ئۇلاردىن نەپ ئالىدىغان كىشى.
ئون خوجايىندىن بىر يالاقچى يامان (ماقال).
توخۇ تۇرنا، بۆرە قاراقچى، تۈلكە ماراقچى، سېغىزغان يالاقچى نامىنى ئالغان ئول زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەنىىكەن.