Uyghur主要词典
يالىڭاياغلار قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
1639 - يىلى فرانسىيىنىڭ نورماندىيىدە پارتلىغان دېھقانلار ۋە شەھەر خەلقىنىڭ قوزغىلىڭى. قوزغىلاڭنىڭ يولباشچىسى ئېتىلىشىچە بىر نامرات پوپ جېئان (يالىڭاياغ) دېگەن كىشى ئىكەن. قوزغىلاڭغا رىشېلېئۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر تۇز بېجى ئېلىش سەۋەب بولغان. قوزغىلاڭچىلار باجخانا ئورگانلىرىنى ۋەيران قىلىپ، باجگىرلارنى تۇتقۇن قىلغان، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قورۇقلىرىغا ھۇجۇم قىلغان، نورماندىيىنى ئەمەلىيەتتە تىزگىنلىگەن. رىشېلېئۇ ھۆكۈمەت قوشۇنىنى ئەۋەتىپ باستۇرغان، شۇ يىلى كۈزدە قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.