Uyghur←Chinese主要词典
ياكوت
دۇنيا تارىخى
雅古特
yǎ gǔ tè
(1179 - 1229). ئەرەب جۇغراپىيونى. تارىخچىسى. كىچىك ئاسىيادىكى بىر گرېك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. بالىلىق چېغىدا ئۇرۇشتا بۇلاپ كېتىلىپ، باغدادتىكى بىر سودىگەرگە قۇل قىلىپ سېتىلغان، ناھايىتى ياخشى تەربىيىيگە ئىگە بولغان. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن جايلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرۈپ، كۆچۈرمىچىلىك ۋە كىتاب سېتىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزگەن. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ موف ۋە خارەزىمنىڭ كۇتۇپخانىلىرىدا ماتېرىيال توپلاپ،. ئەينى زاماندىكى جۇغراپىيە بىلىملىرىنىڭ توپلىمى - تۆت قىسىملىق <يەر ناملىرى لۇغىتى> نى تۈزۈپ چىققان. ئۇ ھەرپ رېتى بىلەن تىزىلغان، ھەر بىر جاينىڭ نامىدىن باشقا، يەنە شۇ جاينىڭ تارىخى ۋە شۇ جايدا ئۆتكەن ئاتاقلىق كىشىلەر قاتارلىقلارمۇ بېرىلگەن. شۇڭا بۇ كىتاب ئەدەبىيات، تارىخ، ئىرق تەزكىرىسى ۋە تەبىئىي پەن قاتارلىق جەھەتلەرنىڭ قامۇسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، <ئەدىبلەر لۇغىتى> دېگەن كىتابىدا Ⅶ ئەسىردىن ⅢⅩ ئەسىرگىچە ئۆتكەن تەخمىنەن 1100 نەپەر ئەرەب ئەدىبلىرىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى تونۇشتۇرۇلغان.