Uyghur主要词典
ياڭيۇ
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
1785 - يىلى فرانسىيىدە قەھەتچىلىك يۈز بەرگەن. ئەينى چاغدا فالمىنچىن ئىسىملىك بىر دورىگەر ياڭيۇنى فرانسىيىگە كىرگۈزۈپ كۆپلەپ تېرىش ئارقىلىق قەھەتچىلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئويلىغان، لېكىن نۇرغۇن فرانسىيىلىكلەر ئۇنى زەھەرلىك دەپ قاراپ تېرىشنى خالىمىغان. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ لۇئى ياڭيۇ چېچىكىنى زىننەت سۈپىتىدە خانىشنىڭ چېچىغا قىستۇرۇپ قويغان؛ خان ئوردىسىنىڭ گۈللۈكىگىمۇ ياڭيۇ تېرىپ ئۆستۈرگەن. نەتىجىدە، ياڭيۇ تېرىش ھەش - پەش دېگۈچە پۈتۈن مەملىكەتكە تارقىلىپ، ياڭيۇ چېچىكى تاقاش مودىغا ئايلانغان ھەم ئالىيجانابلىقنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالغان. شۇ سەۋەبلىك ياڭيۇمۇ «يەر ئاستى ئالمىسى» دېگەن چىرايلىق نامغا ئېرىشكەن.
ياڭيۇنىڭ ئەسلىي ماكانى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئاندېس تاغلىق رايونلىرى بىلەن چىلىنىڭ دېڭىز ياقىلىرىدىكى تاغلىق رايونلاردۇر. بۇرۇن ئىندىئانلار ياڭيۇنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلغان ھەم ئۇنى »دادا« دەپ ئاتاشقان.1536 - يىلى ئىسپانىيىلىك ماتروسلار (دېڭىزچىلار) ياڭيۇنى پېرۇدىن ياۋروپاغا ئېلىپ كېلىپ تېرىغان.1565 - يىلى ئەنگلىيە ۋە ئىرېلاندىيىگە كىرگۈزۈلۈپ شۇ يەرنىڭ ئاساسلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.15 - ئەسىردە بولسا جۇڭگوغا كىرگەن.
ياڭيۇ ئەسلىدە پىدىگەن ئائىلىسىگە كىرىدىغان كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولسىمۇ، لېكىن بىر يىللىق ئۆسۈملۈك سۈپىتىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ يەر ئۈستى غولى سەل ئۈچ بۇرجەك شەكىللىك، تۈكچىلىرى بار، يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدىغان تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق بولۇپ، گۈلى ئاق، سۆسۈن ۋە ھال رەڭ قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ. ئادەتتە بىز دائىم ئىستېمال قىلىدىغان ياڭيۇ يىلتىز بولماستىن، بەلكى يەر ئاستى تۈگۈنەك غولدىن ئىبارەت.
ياڭيۇ ئادەتتە سوغۇق ۋە قۇرغاق مۇھىتنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتقا تېرىلسا ئاسانلا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ رودىمېنتلىشىپ (چېكىنىپ) كېتىدۇ. ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق رايونلارنىڭ كىلىماتى سوغۇق بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلىي ماكانى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولغاچقا، ئۆسۈشى ياخشى ۋە مەھسۇلاتى يۇقىرى بولىدۇ. ياڭيۇ بىخلىنىپ قالغاندا بىخىنىڭ ئەتراپىدا زەھەرلىك ماددا سولانىن ھاسىل بولىدىغان بولغاچقا، يېيىشكە بولمايدۇ. ياڭيۇ پوستىنىڭ تەركىبىدە خىلوروفىل بولىدۇ، شۇڭا ئۇ كۈن نۇرى ئاستىدا تۇرۇپ قالسا فوتوسىنتېز ئېلىپ بېرىلىپ سۈپىتىگە تەسىر يېتىدۇ.
ئۆلچەشلەرگە قارىغاندا، ياڭيۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، سەۋزىنىڭكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە، كۈزلۈك يېسىۋىلەك (چوڭ بەسەي)نىڭكىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە، پەمىدۇرنىڭكىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. بولۇپمۇ ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدىكەن.
ياۋروپانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ياڭيۇ ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىنىدىغان بولغاچقا، «ئۈچىنچى بولكا» دەپ نام ئالغان. ئۇنىڭ يەنە «كۆپ ئىقتىدارلىق زىرائەت» دېگەن نامىمۇ بار. ئۇنىڭدىن كراخمال، ئىسپىرت، دېكسترىن، گلۇكوزا ئېلىشقىمۇ، يەنە كاۋچوك، كىنو - فىلىم پىليونكىسى، سۈنئىي يىپەك، ئەتىر قاتارلىق نەچچە ئون خىل سانائەت بۇيۇملىرىنى ياساشقىمۇ بولىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىنسانلار ياڭيۇ سورتلىرىنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ۋېنگرىيە سورت يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرى20 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىش ئارقىلىق، خام يېگىلى بولىدىغان يېڭى ياڭيۇ سورتىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى كالا گۆشىنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى پىشۇرۇش ۋە قورۇش ھاجەتسىز بولۇپ، ئاقلاپ يېسىلا بولىدۇ. رۇمىنىيە سورت يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرى يۇقىرى مەھسۇلاتلىق يېڭى بىر ياڭيۇ سورتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈرۈپ چىقتى. كىشىلەر ئۇنىڭغا ئاتاپ بىر خاتىرە تېشى تىكلەپ، ئۇنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن ياراتقان تۆھپىسىنى ئالاھىدە خاتېرىلىدى.
بىئولوگىيە
پېدىگەن ئائىلىسىگە كىرىدۇ، ئۇ كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئۆسۈملۈك تېنىدە تۈكچىلەر بولمايدۇ ياكى شالاڭ، يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ. يەر ئاستى غولى تۈگۈنەك بولۇپ، يۇمىلاق، تۇخۇمسىمان، ئېللىپسسىمان قاتارلىق شەكىللەردە بولىدۇ، بىخ كۆزى بولىدۇ، پوستى قىزىل، سېرىق، ئاق ياكى بىنەپشە رەڭ بولىدۇ؛ يەر ئۈستى غولى ئازراق ئۈچ قىرلىق بولۇپ، كۆپ شاخلىنىدۇ. تاق سانلىق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ؛ ئۇششاق يوپۇرمىقى 6 - 8 جۈپ بولۇپ، ئىككىلا يۈزىدە شالاڭ ئۆسكەن يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ. ئۆگزىسىمان گۈل رېتى چوققىدا ئۆسىدۇ؛ گۈل كاسىسى قوڭغۇراقسىمان بولۇپ، سىرتىدا شالاڭ ئۆسكەن يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ؛ گۈلتاجى نۇرسىمان، رەڭگى ئاق ياكى كۆكۈش بىنەپشە رەڭ كېلىدۇ. شىرنىلىك مېۋىسى شار شەكىللىك بولۇپ، پىشقاندا كۆپ بولىدۇ. ئۇرۇقى يېسسى يۇمىلاق، سېرىق بولىدۇ. ياڭيۇنىڭ ئەسلى ماكانى جەنۇبىي ئامېرىكا بولۇپ، ھازىر دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۆستۈرۈلىدۇ، ياڭيۇنىڭ تۈگۈنەك غولى تەركىبىدە كراخمال مول بولۇپ، ئاشلىق، كۆكتات، سانائەت كراخمالى، ئىسپىرتنىڭ خام ئەشياسى قىلىشقا بولىدۇ. بىخى ۋە مېۋىسى تەركىبىدە نىگىتسادىن بولىدۇ. كۆپىنچە تۈگۈنەك يىلتىزى ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
خەنزۇچە
بوتانىكا
چەيزە ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرمىقى ساپاقلىق، يۇمىلاق ۋە تۇخۇمسىمان، گۈلى ئاق ياكى كۆكۈچ سۆسۈن. يەر ئاستى تۈگۈنەك غولى سېمىز ۋە يوغان، يېيىشكە بولىدۇ.
شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ تۈگۈنەك غولى، ئادەتتە كۆكتات قىلىنىدۇ.