Uyghur主要词典
ياغمۇر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بۇلۇتتىن تامچە - تامچە چۈشىدىغان سۇ.
<ئۆتكۈنچى يامغۇر، ئاق يېغىن>.
سىم - سىم يامغۇرمۇ يولنى بۇزالايدۇ. بۇلۇت چىقماي يېغىن ياغماس، دەرد تارتماي ياش ئاقماس.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
يامغۇر.
بۇ سۆز « يامغۇر» دەپمۇ ئېيتىلىدۇ. ماقالدا مۇنداق كەلگەن: نەچەمە ئۇپراق كەزۈك ئەرسە ياغمۇرقا يارار _ چاپان قانچىلىك كونا بولسىمۇ، يامغۇرغا يارار. كېپىنەك تون قانچىلىك كونىراپ كەتسىمۇ، يەنە يامغۇرغا يارايدۇ. بۇ ماقال ئۆز قول ئاستىدىكى كشىلەردىن بىرسىنىڭ بىلىمسىز نادانلىقىنى ۋە دۆتلۈكى ئۈچۈن ئۇنى ئۆزىدىن چەتلەتمەكچى بولغان كىشىلەرگە قارىتا ئېيتىلىدۇ، يەنى ھەر قانچە كەمچىلىكى بولسىمۇ، بىرەر ئىشىڭغا ياراپ قالىدۇ، ئۇنى شۇ ئىشقاسالساڭ ئۆزەڭ ئارام ئالىسەن، دېمەكچى. شېئىردامۇنداق كەلگەن:
قۇيدى بۇلۇت ياغمۇرىن
كەرىپ تۇتار ئاق تورىن
قىرقا قوزتى ئول قارىن
ئاقىن ئاقار ئاڭراشۇر
بۇلۇت يامغۇرىنى قۇيدى،
ئاق تورىنى كېرىپ يايدى،
قارلىرىنى تاغلارغا تاشلىدى،
ئېقىن ئاقار شارقىراپ.
بۇلۇت ئاق تورىنى يېيىپ، يامغۇرىنى قۇيۇۋەتتى، ئۇ قارلىرىنى تاغلارغا تاشلىدى، تاغلاردىن شاقىراپ سەل سۇلىرى ئېقىۋاتىدۇ.
3 - 50