Uyghur主要词典
ياغلىق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
رومان، دەستە رومال.
شەپەر ياغلىق، تىۋىت ياغلىق. * يىپەك ياغلىق. * ياغلىق چىگمەك، ياغلىق تۇتماق. * ساق باشنى ياغلىق تاڭغىلى بولماس (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت(«ياغ» Ⅰ گە سۈپەت ياسىغۇچى قوشۇمچە «لىق» قوشۇلغان).
تەگكەن. يېغى كۆپ،ياغقاچىلانغان، ياغ تەگكەن.
ياغلىق قاپاق. * ياغلىق ئۆرۈك. * ياغلىق ئۈچەي.* پولۇ بەك ياغلىق بولۇپ كېتىپتۇ. * ياغ ئالسىمۇ ياغلىق قاپاق، ياغ ئالمىسىمۇ ياغلىق قاپاق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يۈز - قول يۇغاندا سۈرتىدىغان ئىلمە توقۇلما.
<لۆڭگە> كۆپىنچە يۈز ۋە يۇيۇنغاندا بەدەن سۈرتۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
<ياغلىق>، <مايلىق> لار ئومۇمەن تاماقتىن بۇرۇن ۋە كېيىن قول سۈرتۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
ئاممىۋى يىغىلىشلاردا، توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغلاردا كۆپچىلىك قولىنى يۇيىدۇ، بىر لۆڭگىگە، بىر مايلىققا سۈرتىدۇ، بۇياخشى ئادەت ئەمەس. يۈز لۆڭگىسى بىلەن مايلىق بىر بولماسلىقى كېرەك. ياغلىقنىڭ پاكىزلىقى ھەممىدىن زۆرۈر. ھازىر قەغەز سالپىتكىسى چىقىپ بەك ياخشى بولدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
خوتۇن - قىزلار بېشىغا سالىدىغان تۆت بۇرجەك ياكى ئۈچ بۇرجەك، چوچىلىق توقۇلما.
<چىپچەك> قۇمۇل شېۋىسىدە، <سارىغۇچ> قەشقەر شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ساق باشقا ياغلىق تاڭما. رومىلىمنى يۇدۇردۇم، قارا تالغا يايدۇردۇم، خودا قوشقان يارىمنى قاراقچىغا ئالدۇردۇم. شال سالغان ئايال سالاپەتلىك كۆرۈنەر. لىچەك كىيمىگەنگە قارىسىغا باھا بەرمە.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ياغ - ماي سېلىنغان، قۇيۇلغان، ياغ - مېيى كۆپ.
ياغسىز، مايسىز
ياغ - مېيى يوق، ياغ - ماي سېلىنمىغان.
بىلى بوش ئادەم - ياغسىز چىراغ. مايسىز تاماقتا قۇۋۋەت يوق. ئاش بەك ياغلىق بولۇپ كېتىپتۇ. مايلىق تاماق ئاسان كۆڭۈلگە تېگىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قولنى سۈرتىدىغان بۆز، لۆڭگە، مايلىق، قول ياغلىق.
تاماقتىن كېيىن ھەممىمىز ياغلىق بىلەن قولىمىزنى سۈرتۈپ دۇئاغا قول كۆتۈرۈشتۇق.
باشقا ئارتىدىغان بۇرجەكلىك توقۇلما بۇيۇم.
يەر يۈزىنى دەپتىرىمنىڭ ۋاراقلىرىدەك ئاپئاق قار قاپلىغان، دەل - دەرەخلەرنى ئانامنىڭ بېشىدىكى ئاق ياغلىقنىڭ تىۋىتىدەك قىرو باغلىغانىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
تەركىبىدە ياغ مىقدارى بار، ياغ ئېلىش مۇمكىن بولغان.
ياغلىق دان، ياغلىق زىرائەت.
ياغ قويۇلغان، يېغى بار، ياغ ئارىلاشتۇرۇلغان.
ياغلىق توقاچ، ياغلىق تاماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تارس. دۈشمەنلىك.
— ئۇ بىزگە ياغىلىق قىلسا، بىزمۇ ئاڭا ياغى، ياغىغا باش ئېگىش — گۇناھ، بەگ بىلگە، بۇنى بىلىشىڭىز كېرەك!— دېدى باتۇر تاغا پەس، لېكىن كەسكىن ئاۋاز بىلەن.