Uyghur主要词典
يابغۇ
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
قەدىمكى تۈرك ھەربىي ئەمەللىرىنىڭ بىرى.
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇلۇغ توخرىيلارنىڭ قەبىلە سەردارلىرىنىڭ نامى. <كېيىنكى خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى> دە يېزىلىشىچە، ئۇلۇغ تۇخرىيلار بەش يابغۇلۇققا بۆلۈنگەن. ئۇلاردىن كۇشان يابغۇسى كۇجۇلا كادفىس كۈچىيىپ، باشقا تۆت يابغۇلۇقنى يوقىتىپ، ئۆزىنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەپ، كۇشان پادىشاھلىقىنى قۇرغان.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئەمەل نامى، خاقاندىن ئىككى دەرىجە تۆۋەن تۇرىدىغان، خەلق ئىچىدىن چىققان مەنسەپدارلارغا بېرىلىدىغان ئۇنۋان
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تارس قەدىمكى تۈركىي خەلق ھەربىي ئەمەل ناملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، سول قول ۋەزىرگە تەڭ كېلىدۇ.
تارماق، قەبىلە، بۆلەك.
جۇڭگو يىلناملىرىدا قارلۇقلار ئۇيغۇرلارنىڭ بىر يابغۇسى (مەھكىمىسى) سۈپىتىدە باشتىن - ئاياغ ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە بايان قىلىنغان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قەدىمكى تۈرك دۆلەتلىرىدە <ھۆكۈمدار> دېگەن مەنىدە قوللىنىلغان بىر ئۇنۋان.