Uyghur主要词典
ياⅡ[سۆز تۈركۈمى:] باغلىغۇچى.[تىل تەۋەلىكى:]]پارىسچە[[يەشمىسى:] ① تەڭداش جۈملە بۆلەكلىرى ياكى ئايرىم جۈملە بۆلىكى ئالدىدا كېلىپ، پىكىرنىڭ قىياس قىلىنغۇچى بۆلەكلىرىدىن بىرىگە تەئەللۇق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] قوغۇنغا ئوغرى كەلسە، يا پىششىقىنى قويماس، يا خەمىكىنى قويماس (ماقال).[يەشمىسى:] ② سوئال جۈملە ئالدىدا كېلىپ ئۆزىدىن بۇرۇنقى جۈملە مەنىسىگە نىسبەتەن قارىمۇقارشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ:[مىسال:] سۇ ئۆزى يار ئالغانمىدۇ، يا بىرەر قارا نىيەت ئۆچمەنلىك قىلغاندىمۇ[يەشمىسى:] ③ ئىككى جۈملە ئوتتۇرىسىدا كېلىپ، كېيىنكى جۈملىدىكى ئىش-ھەرىكەتنىڭ بولۇنمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ياردەمچى سۆز ئورنىدا خىزمەت قىلىدۇ:[مىسال:] ئوت-چۆپ بولمىسا نېمە بوپتۇ يا بىز ئوت ئورغىلى بارمىساق.