Uyghur主要词典
ھۇر ئەمرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىدىكى مۇتەكەللىمۇن. سەفەۋىيە سۇلالىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ئون ئىككى ئىمامچىلار ئىچىدىكى تەسەۋۋۇپچىلىق خاھىشىغا قارشى تۇردى. ئەخبارىيەگە مەنسۇپ. ئۇ يازغان <ۋەسەئىل شىئە> (شىئە مەزھىپىنىڭ ئەھمىيىتى) بىلەن مەجلىسى يازغان <بىھارۇل ئەنۋار> ۋە مۇھسىن فايز كەشانى يازغان <ھەدىس شېرىپ> ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ كېيىنكى چاغلىرىدىكى شىئە مەزھىپىنىڭ ھەدىسكە دائىر كلاسسىك ئەسەرلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. <ئەمەل ئەل ئەمىلى> شىئە مەزھىپىنىڭ ھۆججەتلىرى ئىچىدىكى مۇھىم ئەسەردۇر.