Uyghur主要词典
ھۇرۇن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىش - ئەمگەكنى ياقتۇرمايدىغان، بىكارچىلىقنى خالايدىغان.
<گۈلەش> خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
ھۇرۇن پىت بېقىشتىن ئۇيالماس. ھۇرۇنغا كۈندە توي. ھورۇننىڭ نېنى ئىككى بولماس. يالقاۋ - قايا، ئەسكى ئاتقا تاقا. ئېرىنچەكنىڭ ئەتىسى تۈگىمەيدۇ، تەمەخورنىڭ پەتىسى. ئېرىنچەك ئىككى ئىشلەر، ئاخىرى بارمىقىنى چىشلەر. ئىش ياقماسقا ئىش بۇيرۇساڭ ساڭا ئەقىل ئۆگىتەر. تەپسە تەۋرىمەس تەمە بىلەن ياشايدۇ. ئەرمەگۈگە بۇلۇت يۈك بولۇر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ئەمگەك قىلىشنى خالىمايدىغان، ئىش - ئەمگەكتىن قاچىدىغان، ئىش - ئەمگەككە سۇسلۇق قىلىدىغان. ھۇرۇن يىگىت، ئېرىنچەك قىز
ئىشچان، تىرىشچان، تىرىشقاق
ئىشقا جان - دىلى بىلەن بېرىلگەن، تىرىشىپ ئىشلەيدىغان. ئىشچان يىگىت، تىرىشقاق قىز
ئىشچان ئېشىنى يەر، ھۇرۇن بېشىنى يەر. تىرىشقانغا ۋاقىت يەتمەس، يالغاننىڭ ئەتىسى تۈگىمەس. ئىشچاندىن تەر چىقىدۇ، ھۇرۇندىن ئۇھ. ئېرىنچەك ئېغىرىنى كۆتۈرەر. ئېرىنچەك بىر ئىشنى ئىككى قىلار. ئېرىنچەككە بۇلۇتنىڭ سايىسىمۇ يۈك. تىرىشقاق تاشنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرار. ھۇرۇن قۇدۇق بېشىدىمۇ ئۇسساپ ئۆلەر. تىرىشچاندا تەر تولا، ئېرىنچەككە شۆلگەي.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەمگەك قىلىشنى، ئىشلەشنى خالىمايدىغان ، ئىش خۇشياقمىغان ؛ يالقاۋ، ئېرىنچەك.
ھۇرۇن ئېشەك يۈكنى ئېغىر كۆتۈرەر (ماقالە)