Chinese→Uyghur主要词典
活性中心
تېببىي,خىمىيە
huó xìng zhōng xīn
ئاكتىپ مەركەزDئۇنىۋېرسال
huó xìng zhōng xīn
ئاكتىپ مەركەز
Dنىفىت ئايرىش
huó xìng zhōng xīn
ئاكتىپلىق مەركىزىDتاشيول قۇرۇلۇشى
huó xìng zhōng xīn
ئاكتىپ مەركەز ، ئاكتىپچان مەركۈز
بىئولوگىيە
ئاكتىپلىق مەركىزى
ئېنزىم مولېكۇلىسىنىڭ ئاساسىي ماددا بىلەن بىرىكىشىگە بىۋاستە قاتنىشىدىغان ۋە كاتالىزلاش رولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قىسىمدۇر. ئۇ ئۈچ ئۆلچەملىك تۈزۈلۈشىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك تۈزۈلۈشىدە ئارىلىقى ئۆز ئارا يىراق بولغان بىر قانچە ئامىنو كىسلاتا قالدۇقىنىڭ يان زەنجىرىدىكى گۇرۇپپىلاردىن تۈزۈلىدۇ. ئادەتتە ئېنزىم مولېكۇلىسىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ئويمانلىقلارغا جايلاشقان بوۇپ، سىرتقى يۈزىگە تارقالغان قۇتۇپلۇق گۇرۇپپىلار ئېرىتكۈچى مولېكۇلىلىرى بىلەن بىرىكىدۇ. ئويمانلىقلارنىڭ ئىچكى قىسمىغا يوشۇرۇنغان قۇتۇپسىز گۇرۇپپىلار، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئېلېكترىستاتىك تەسىرىنىڭ پەيدا بولۇشىغا پايدىلىق بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئاكتىپلىق مەركىزىنىڭ بوشلۇقتىكى تۈزۈلۈشى ئاساسىي ماددا مولېكۇلىسىنىڭ ئىندۇكسىيىلىشى بىلەن دەل كىرىشىپ بىرىكىدۇ ھەمدە خىمىيىلىك ئۆزگىرىدۇ. ئاكتىپ ئورنى ئېنزىم رولىنىڭ مەخسۇسلۇقىنى بەلگىلەپلا قالماستىن، ئېنزىمنىڭ كاتالىزلاش ئۈنۈمىگە نىسبەتەنمۇ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئۇ ئاساسىي مۇكۇيتىننىڭ D - ھالقىسى بىلەن بىرىككەن ۋاقتىدا ئاساسىي ماددىنىڭ <نىشانلىق>، <يېقىنلاشتۇرۇش> ئۈنۈمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كونفورماتسىيىسى ئۆزگىرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئېنزىم مولېكۇلىسىنىڭ ئاساسلىق تۈزۈلۈشىنى ساقلاپ تۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان، ئاكتىپلىق مەركىزىنى ئۆز ئىچىگە ئالدىىغان ياكى ئالمايدىغان گۇرۇپپىلار زۆرۈر گۇرۇپپىلار دەپ ئاتىلىدۇ.