Chinese→Uyghur主要词典
活性污泥处理法
ئۇنىۋېرسال
huó xìng wū ní chǔ lǐ fǎ
ئاكتىپ بۇلغانما ئارقىلىق پاسكىنا سۇنى بىر ياقلىق قىلىش ئۇسۇلى
بىئولوگىيە
ئاكتىپلاشقان پاتقان بىلەن بىر تەرەپ قىلىش
ئورگانىك كېرەكسىز سۇنى ھاۋادا بىر قانچە ھەپتە تۇرغۇزغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدا ئوكسىگېن خالايدىغان مىكرو ئورگانىزملار زور مىقداردا كۆپىيىپ، بىر خىل قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك پاختىسىمان پاتقاق چۆكمىسىنى ھاسىل قىلىدۇ، پاسكىنا سۇ تازىلانغاندىن كېيىن ئۇنى چىقىرىۋېتىپ، يەنە سۇ كىرگۈزگەندە پاتقاق يېڭى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوكسىدلايدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا پاسكىنا سۇ تەركىبىدىكى ئورگانىك ماددىنى ئوكسىدلاش ئىقتىدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان پاتقاق ھاسىل بولىدۇ، بۇ ئاكتىپلاشقان پاتقاق دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ئاكتىپلاشقان پاتقاقتىن پايدىلىنىپ پاسكىنا سۇلارنى تازىلاپ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى دەپ ئاتىلىدۇ. ئاكتىپلاشقان پاتقان تەركىبىدە كۆپلىگەن ئوكسىگېنلىق نەپەسلىنىدىغان جانلىقلار بولىدۇ. مەسىلەن، باكتېرىيە، زەمبۇرۇغ، ئاكتىنومىتسېس، پروتوزا، يۈسۈن قاتارلىقلار. بۇ بىر مۇرەككەپ ئېكولوگىيىلىك سىستېما بولۇپ، تەركىبىدىكى جانلىقلارنىڭ بىرلىكتە تەسىر كۆرسىتىشى ئارقىلىق ئورگانىك كېرەكسىز ماددىلارنى ئوكسىدلايدۇ. بۇ ئۇسۇل پاسكىنا سۇلارنى بىئولوگىيىلىك بىر تەرەپ قىلىشتا ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭ بولۇپ نىسبەتەن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.