Uyghur←Chinese主要词典
ھۇن ئىمپېرىيىسى
تارىخ
匈奴帝国
xiōng nú dì guó
دۇنيا تارىخى
匈奴帝国
xiōng nú dì guó
Ⅴ ئەسىردە ھۇنلار ياۋروپادا قۇرغان دۆلەت. ھۇنلار (غەرب تارىخ كىتابلىرىدا Huns دېيىلىدۇ، ئومۇمەن، خەنزۇچىدىكى <匈奴> نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى دەپ قارالماقتا) ئەسلىدە جۇڭگونىڭ شىمالىدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. مىلادى Ⅰ ئەسىردە، شىمالىي ھۇنلار شەرقىي خەن سۇلالىسىدىن يېڭىلىپ، غەربكە كۆچۈپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يېتىپ بارغان. Ⅱ ئەسىردە يەنە سىيانپىيلارنىڭ زورلىشى بىلەن، داۋاملىق غەربكە كۆچكەن. مىلادى Ⅳ ئەسىرگە كەلگەندە ۋولگا ۋە دۇناي دەرياسى ۋادىلىرىغا كىرىپ، يەرلىك ئالانىلارنى بويسۇندۇرغان. 374 - يىلى دون دەرياسىدىن ئۆتۈپ، شەرقىي گوتلارنىڭ قەبىلە ئىتتىپاقىنى يوقاتقان، ئارقىدىنلا يەنە غەربىي گوتلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ياۋروپا تارىخىدىكى <مىللەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك كۆچۈشى> نى كەلتۈرۈپ چىقارغان. قوشۇنى يېتىپ بارغاندىلا يېرىدە پاجىئەلىك تۈردە بۇزغۇنچىلىق قىلغان. Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئوتتۇرا ياۋروپاغا بېسىپ كىرىپ، پاننونىيە (ھازىرقى ۋېنگرىيە) ن پائالىيەت مەركىزى قىلغان. 432 - يىلى پادىشاھ رۇيا (؟ - 434) ھۇن قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. ئاتتىلا تەختتىكى مەزگىللىرىدە (434 - 453) زېمىنى شەرقتە كاسپىي دېڭىزىدىن باشلىنىپ، غەربتە رېين دەرياسى، شىمالدا بالتىق دېڭىزى، جەنۇبتا دۇناي دەرياسغىچە بولۇپ، زور ۋە تارقاق ئىمپېرىيە بولۇپ شەكىللەنگەن ھەمدە شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبور قىلغان. ئاتتىلا قازا قىلغاندىن كېيىن، ئوغۇللىرى ئىچكى نىزا بىلەن بولۇپ كەتكەن. بويسۇندۇرۇلغان گېرمانلار قوزغىلىپ قارشىلىق كۆرسىتىپ، 454 - يىلى ھونلارنى يەڭگەن، ھۇن ئىمپېرىيىسى پارچىلىنىپ كەتكەن.