Chinese→Uyghur主要词典
阍耶跋摩七世
دۇنيا تارىخى
جاياۋارمان Ⅶ
(تەخمىنەن 1120- 1219)، كېخمىر ئاڭكور سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى (1181 - 1219). دەسلەپكى يىللىرىدا چامبا پۇرادا ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1177-يىلى چامپا پۇرا قوشۇنى ئاڭكورغا بېسىپ كىرىپ، مەملىكەتكە بالايئاپەت باغدۇرغان، پادىشاھ ئۆلگەن، ئۇ لەشكەر يىغىپ ۋەتەننى قۇتقۇزشقا ئاتلانغان ۋە بىر قانچە يىل ئۇرۇشۇپ، تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقارغان. 1181-يىلى تاج كىيىپ پادىشاھ بولغان. 1190-يىلى چامپاپۇراغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنڭ پادىشاھىنى ئەسىر قىلغان ۋە ئوغلىنى پادىشاھ قىلغان ئۇزۇن ئۆتمەي چامبا پۇرا مۇستەقىل بولغان، 1203-يىلى ئۇنى قايتىدىن ئىستىلا قىلغان. ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، ماھايانا مەزىپىگە ئېتىقا قىلىپ، مەشھۇر ئەگكورانى پايتەخت قىلىپ قۇرغان. يېڭى پايتەختتە ۋە ھەر قايسى جايلاردا ئىبادەتخانىلارنى كۆپلەپ ياساتقان ھەمدە لەڭگەر ۋە دوختۇرخانىلارنى كۆپلەپ قۇرغان. بۇ، ئاڭكور سۇلالىسىنىڭ گۈللەپ ياشنىغان دەۋرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.