Uyghur主要词典
ھۇمايۇن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قۇتلۇق، مۇبارەك، شەرەپلىك؛ قۇۋۋەتلىك:
ھۇمايۇن ئېردىم ئەمما دام ئىشقىڭغە بولۇپمەن قەيد،
چىگىلمىش رىشتەسى جانغە قۇتۇلماغىل ئەمەس ئاسان.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قۇتلۇق، سائادەتلىك، مۇبارەك، ئالىي، ئالىي دەرىجىلىك، شاھانە.
دۇنيا تارىخى
(1508 - 1556) ھىندىستان موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانى (1530 - 1540، 1555 - 1556)، بابۇرنىڭ ئوغلى. تەختتىكى مەزگىلىدە مالۋا ۋە گۇجراتنى ئىستېلا قىلغان. 1539 - يىلى ۋە 1540 - يىلى بىخاردىكى ئافغانلار ھۆكۈمرانى شېرشاھ سۇر تەرىپىدىن ئىككى قېتىم مەغلۇپ قىلىنغان ۋە تەختتىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولۇپ چىقىپ كەتكەن. كېيىن ئىران سافى سۇلالىسىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، قوشۇن توپلاپ، قەندىھار ۋە كابۇلنى ئىشغال قىلغان. 1555 - يىلى سۈر سۇلالىسىنىڭ ئىچكى قالايمىقانچىلىقىدىن پايدىلىنىپ، دېھلىنى قايتىدىن ئىشغال قىلغان ۋە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
پارىسچە
قۇتلۇق، بەخت، مۇبارەك