Uyghur主要词典
ھۇجرىۋى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(سەييىد ئەلى ھۇجرىۋى، 1010 - 1077) تەسەۋۋۇپچى ئۆلىما. گەزىندە (ھازىرقى ئافغانىستان چېگرىسى ئىچىدە) دۇنياغا كەلگەن. ياش چاغلىرىدا ئۆز يۇرتىدا دىنىي بىلىملەرنى ئۆگەندى، مەنسۇر ھەللاجنىڭ ئەسەرلىرىگە بېرىلدى. كېيىن باشقا جايلارغا بېرىپ زىيارەت قىلدى. 1039 - يىلى ئۇستازنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە لاھورغا دائى بولۇپ بېرىپ، داتا گەنج بەقىش (مەرد ساخاۋەتچى) دەپ داڭق چىقاردى. ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، شۇ يەرگە دەپنە قىلىنىپ، غايەت چوڭ قەبرىگاھ ۋە مەسچىت سېلىندى. ھۇجرىۋى ھاياتىنى تەسەۋۋۇپچىلىق كەچۈرمىشلىرى ئىچىدە ئۆتكۈزدى. <كاشىف ئەل مەھجىد> (سىرنىڭ ئاشكارىلىنىشى) ناملىق ئەسەر يېزىپ، تەسەۋۋۇپچىلىقىنى ئەتراپلىق، سىستېمىلىق بايان قىلدى. بۇ ئەسەر سوپىلارنىڭ ئەتىۋارلىق كىتابى بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، <فەنا ۋە ئەبەدىيلىك>، <ئەلى ئەسەرلىرى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازدى.