Chinese→Uyghur主要词典
惠特曼
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
huì tè màn
ۋىتمانDئىستېتىكا
huì tè màn
ئۇئىتمېن:
دۇنيا تارىخى
ۋىتمان
(1819 - 1892). ئامېرىكىلىق شائىر. نيۇ - يورك شتاتىدىكى بىر دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، باسما ئىشچىسى، ياغاچچى بولغان. 1836 - 1859 - يىللاردا سەييارە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1846 - 1848 - يىللاردا بروكلىن <شۇڭقار گېزىتى> نىڭ تەھرىرى بولغان. كېيىن <شەھەرلىكلەر گېزىتى> نىڭ تەھرىرى بولغان. 1857 - 1859 - يىللاردا <دەۋر> گېزىتىنىڭ تەھرىرى بولغان. جەنۇب - شىمال ئۇرۇشىدا، 1862 - يىلى ئۆز ئىختىيارى بىلەن يارىدارلارنى كۈتكەن. 1873 - يىلى بەختكە قارشى مېڭىسىگە قان چۈشكەن. ئەمما يەنىلا يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋەرگەن. ۋەكىللىك خاراكتېرىگ ئىگە ئەسىرى <ياپراق> 1855 - يىلى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، كۆپ قېتىم قايتا نەشر قىلىنغان ھەمدە يېڭى شېئىرلار بىلەن تولۇقلانغان. ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنى جەنۇب - شىمال ئۇرۇشىدىن بۇرۇن، ئۇرۇش داۋامىدا ۋە ئۇرۇشتىن كېيىن دەپ ئۈچ دەۋرگە بۆلۈش مۇمكىن. دەسلەپكى دەۋرىدە ئەركىنلىكنى مەدھىيلەپ، قۇلدارلارنڭ رەھىمسىزلىكىنى پاش قىلىش، نىگېر قۇللار ۋە ئىندىئانلارنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىگە ھېسداشلىق قىلىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرغان. ئوتتۇرا دەۋرىدە، ئاساسەن خەلقنى قۇللۇق تۈزۈمگە قارشى كۈرەشكە قاتنىشىشقا چاقىرغان. كېيىنكى دەۋرىدە ئامېرىكا بۇرژۇئازىيە دېموكراتىيىسى ۋە ئەخلاقىنىڭ چۈشكۈنلىشىشىنى تەنقىد قىلغان. شېئىرلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى بولۇپ، قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ماتېرىيال ئېلىش دائىرىسى كەڭ؛ دېموكراتىك ئىيىدىنى يېڭى شەكىلدە ئىپادىلەپ بېرەلىگەن. ياۋروپا - ئامېرىكا شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مەلۇم تەسىرى بار.