Uyghur主要词典
ھۇيدوبرو
دۇنيا تارىخى
(1893 - 1948). چىلىلىق شائىر. پارىژدا ئۇزۇن يىل ياشاپ، ئەسەرلىرىنى فرانسۇزچە، ئىسپانچە يازغان، <جەنۇبتىن شىمالغا> دېگەن ئوبزور ژۇرنىلىنى تەسىس قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گۈزەللىك ھەرىكىتىنى قوزغاپ، <ئىجادەتچىلىك> نى ئوتتۇرىغا قويغان. يېڭىلىقنى قوغلىشىپ، بارلىق ئەنئەنىلەرگە قارشى تۇرغان ھەمدە <شائىرنىڭ بۇرچى بىرىنچىدىن ئىجاد قىلىش، ئىككىنچىدىن ئىجاد قىلىش، ئۈچىنچىدىن يەنىلا ئىجاد قىلىش> دەپ جاكارلىغان. ئەمما بۇ ھەرىكەتنىڭ تەسىرى چەكلىك بولغان. ئەدەبىي ئوبزورلىرىدىن <شېئىرىيەت سەنئىتى توغرىسىدا>، <1917 - يىلى خىتابنامىسى> قاتارلىقلار بار. ئاتاقلىق شېئىرلىرى <ئېففىل تۆمۈر مۇنارىسىدىكى سەيلە>، <مېنىڭ باتۇرۇم شىدې>، <ئەڭ ئاخىرقى شېئىرلار توپلىمى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.