Uyghur主要词典
ھۈنەين غازىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 630 - يىلى ھەۋازىن قەبىلىسىنى بويسۇندۇرغان ئۇرۇش. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىنى فەتھى قىلغاندىن كېيىنم مەككىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەۋازىنلار قايىل بولماي، تائىف (ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىچىدە) دىكى سەقىف قەبىلىسى بىلەن بىرلىشىپ 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بىلەن مۇسۇلمانلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلماقچى بولدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 21 مىڭ ئادەمنى باشلاپ ھۈنەين (ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ چېگرىسى ئىچىدە) جىلغىسىغا كېلىپ جەڭ قىلدى. بۇ جەڭ ھۈنەين غازىتى دەپ ئاتالدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام غەلىبە قىلىپ، ئالتە مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئەسىرگە ئالدى ۋە نۇرغۇن غەنىمەت ئالدى. ھەۋازىنلار بىلەن سەقىفلەر تائىفقا بېرىۋالدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام غەلبىسېرى ئىلگىرىلەپ، كېيىن تائىف غازىتى قىلدى.